ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-09-30
ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراقتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بىر مەھەل تىنچ ئۆتكەن ئىراقتا يەنە پارتلاشلار مەيدانغا كەلدى. يەكشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ شىئە مۇسۇلمانلىرى رايونىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، كوپ ساندا ئادەم ئۆلگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنىدىكى بىر قانچە جايدا يۈزبەرگەن پارتلاشلاردا كەم دېگەندە 32 ئادەم ئۆلگەن.
2012-09-30
ئامېرىكا پرېزىدېنتى سايلىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئامېرىكىدا سايلام پائالىيەتلىرى كۈچەيمەكتە. شەنبە ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتى ۋە ھازىرقى پرېزىدېنت باراك ئوباما شەنبە كۈنى نۇتۇق سۆزلەپ، ئاساسلىقى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان. جۇمھۇرىيەتچىلەردىن كېلىپ چىققان پرېزىدېنت نامزىتى رومنېيمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، قانداق قىلغاندا تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئامېرىكا قۇرۇپ چىقىش مۇمكىنلىكىنى دەلىللىگەن. نوۋەتتە، بۇ ئىككى نامزات نەق مەيدان مۇنازىرىسى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا. مەزكۇر مۇنازىرە پرېزىدېنت سايلىمىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ.
2012-09-30
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمىدا دىققىتىڭلار 1930 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتىلگەن ئابدۇقادىر ھاجىنىڭ قىلمىشلىرى ھەم تەقدىرى، تۈركىيىدىكى قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن بىرى«ئەركىلەت» ھەققىدىكى مەلۇماتلار شۇنىڭدەك كۇچاردىكى "ۋاڭ"لارنىڭ تەقدىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردا بولىدۇ.
2012-09-30
يەكشەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلغان باش مىنىستىر تايىپ ئەردوغان تۈركىيىنىڭ دېموكراتىك تەرەققىيات مودېلى ھەققىدە توختالغاندا، تۈركىيىنىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەردوغان سۆزىدە ئون يىل ئىچىدە تۈركىيىنىڭ رايوندىكى كۈچ دۆلەتكە ئايلانغالىقى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز تەرەققى قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
2012-09-29
ئامېرىكىدا چىقىدىغان دوۋ جونېس خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى نېفىت گۇرۇھى - جۇڭگو نېفىت خىمىيە شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىقلارغا چەتئەل شىركەتلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلماقتا ئىكەن.
2012-09-29
28 - سېنتەبىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ئورىگون شتاتىغا جايلاشقان شامال ئېنېرگىيە مەيدانىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا قارشى چىقىپ، سېتىۋېلىش توختامىنى بىكار قىلغان.
2012-09-29
مۇسۇلمانلارغا قارشى فىلىم ئىشلەپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان كالىفورنىيىلىك فىلىم ئىشلىگۈچى پەيشەنبە كۈنى تۈرمىگە تاشلاندى.
2012-09-29
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 63 يىلدىن بېرى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار، تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ۋە پاش قىلىش مەقسىتىدە، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار، تىبەتلەر ۋە ئىنسانپەرۋەر ياپونىيىلىكلەر توكيودا جەم بولۇپ، چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى.
2012-09-29
ھۆرمەتلىك دوستلار! 9 - ئاي پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلايدىغان ئاي بولغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ بۇ بىر نەچچە ھەپتىلىك سەھىپىمىزنى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى، ئۇيغۇر مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، ئۇيغۇر مائارىپىنى كۈندىن كۈنگە ئارقىغا سۆرەپ كېتىۋاتقان ئامىللار، سەۋەبلەر ۋە ئۇلارنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەر ئۈچۈن ئاتىدۇق.
2012-09-29
جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تارىخىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئىسلاھات دولقۇنىدۇر. جەدىدچىلىك ئۆز مەنىسى بىلەن «تەرەققىيات»، «مەدەنىيەت» ۋە «زامانغا ماسلىشىش» نى ئاساسلىق نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك يېڭىلاش ھەرىكىتى بولۇپ، ئۆز دەۋرىدە قىرىمدىن ھىندىستانغىچە، ئاناتولىيىدىن تارىم بويلىرىغىچە بولغان ئۇزاق تېررىتورىيىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىر مەيدان مىللىي ئويغىنىش دولقۇنىنى قوزغىغان دەۋر بۆلگۈچ ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.
2012-09-29
پەن ـ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە پەن ـ تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى ۋە سانى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ئۇچۇرلار ئۆگىنىدىغان بىلىملەر چوڭقۇرراق بولغاچقا بۇنى ئوقۇغۇچى دوستلار دەرھال چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يېڭى ـ يېڭى ئۇچۇرلارنى قانداق ئىگىلەش ۋە ئۇچۇردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى قانداق ئاشۇرۇش كېرەك؟ مەن تۆۋەندە مائارىپنىڭ يېڭى ئۇچۇر تارقىتىش رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قىسىم قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
2012-09-29
قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ 14- قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان ھاشىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە توختالدى. ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابداللا ئەخمەتجان ھاشىرى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
2012-09-29
ئېتىزدا ئىشلەۋاتاتتىم. ئەترەت باشلىقى تۇرنىسا يېنىمغا كېلىپ: -مەرپۇ نېمە جىنايەت بىلەن كېلىپتۇ، بىلدىڭلارمۇ؟ دەپ قىزىقىپ سورىدى. مەرپۇ بىزگە تەشكىلاتقا قاتناشقانلىقىنى، پاش بولۇپ قولغا ئېلىنىپ ئۈچ يىل كېسىلىپ كەلگەنلىكىنى دېگەنىدى، دەپ جاۋاب بەردىم.
2012-09-28
مۇخبىرىمىزنىڭ 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلارنى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ مەزگىلللەردە ئادەم تۇتقاندا ئۆز كىملىكلىرىنى يوشۇرغانلىقى، جۈملىدىن ئاپتوموبىلىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئېلىۋەتكەن ياكى ئۈستىنى لاتا بىلەن ئېتىپ قويغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئەقەللىي بىر مەلۇمات شۇكى، ئادەتتە قانۇن دۆلەتلىرىدە ساقچىلار ۋەزىپە ئۆتىگەندە فورما كىيىم ۋە خىزمەت ئاپتوموبىلى بىلەن كەلگەندىن باشقا، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى مەلۇم قىلىدۇ. ئۇنداقتا خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مەزكۇر قىلمىشى قانداق بىر بۇيرۇق ياكى قانداق بىر ۋەزىيەتنىڭ ئىنكاسى؟
2012-09-28
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلتىيى 25 - سىنتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە باشلاندى. قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 120 دىن ئوشۇق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، دۇنيا ۋەزىيىتىدە جىددىي داۋالغۇشلار يۈز بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە توغرا كەلگەن بۇ يىغىندا ئۇلار، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىغان ئاساستا دۇنيادا تىنچلىقىنى قانداق بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىدى.