ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-09-21
ئىستانبۇلغا قاراشلىق زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 9 يىلدىن بۇيان يىلدا بىر قېتىم مەدەنىيەت كۈنلىرى پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 9 - نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كۈنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2012-09-21
خىتاي بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، خىتاي تەرەپ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق شەرتىنى قويدى. غەرب ئاخبارات ساھەسى خىتاي ۋە بېريۇسسېل دائىرىلىدىن قاتتىق نارازى بولدى.
2012-09-21
ئەنگلىيىلىك مارتىل «كەلگۈسىگە نەزەر» تور بېتىدە «خىتاي ئەمدى تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى قايتۇرۇپ بېرەمدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتانىڭ، ياپون بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاش ئالدىدا، بۇ ئۇرۇشتىن قورقۇپ كەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ قېتىمقىي سەتچىلىكتىن ۋە ئۇرۇشتىن ساقلاپ، قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت بىر قاتار مەسىللەرنى تەھلىل ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
2012-09-21
ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى مەلۇم نىسبەتتە ئۆستۈرۈلگەن، نامرات دېھقانلار ۋە شەھەردىكى ئىشسىز ئاھالىلەرگە ئېيىغا 60 سومدىن تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم پۇلى بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان مال باھاسىدىن كۆپ تۆۋەن بولغان.
2012-09-21
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خەلقئارانى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇھىت بۇلغىنىشىغىمۇ دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
2012-09-21
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كان ئىدارىسى يېقىندا قۇمۇلنىڭ شەرقىي قىسمىدا 30مىڭ توننىدىن 50 مىڭ توننىغىچە زاپاس مىقدارىغا ئىگە ۋولفرام كانى تېپىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
2012-09-21
پاكىستاندا داۋاملىشىۋاتقان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىپ ئىشلەنگەن فىلىمگە قارشى نارازىلىق نامايىشىنىڭ توپىلاڭغا ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك، پاكىستان دائىرىلىرى پاكىستاندىكى پايتەخت ئىسلام ئابات قاتارلىق 15 شەھەردە قول تېلېفون مۇلازىمىتىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
2012-09-21
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن 21-سېنتەبىر شەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 26-ئاۋغۇست كۈنى شەنشىدە 36 يولۇچى ئۆلگەن قاتناش ۋەقەسىدە مۇخبىرنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى تەبەسسۇم بىلەن قوبۇل قىلغان ياڭ فامىلىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ بارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈلۈشكە يوللانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2012-09-20
2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق دادامتۇ يېزىسىدا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر تۈركۈم قىز-ئوغۇل ئۇيغۇر ياشلىرىنى قولغا ئالغان ئىدى.
2012-09-20
(بىر مەھبۇسنىڭ خاتىرىسىدىن: «قانۇنى يوق دۆلەتنىڭ ئالىي پۇقراسى بولغۇچە. قانۇنى بار دۆلەتنىڭ مال-چارۋىسى بولۇش ئەلادۇر»)
2012-09-20
ۋاڭ لىجۈن ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتا، ۋاڭ لىجۈن «ئاسىيلىق قىلىش»، «ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى يەنە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.
2012-09-20
ھازىر ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا كۆرە گوللاندىيىدە سىياسىي پاناھلىقى ھەل بولماي ساقلاۋاتقان ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 200 دىن ئارتۇق دەپ تەخمىن قىلىنماقتا.
2012-09-20
ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش بىلەن تونۇلغان يازغۇچى ئىسمائىل قەھرىمان يېقىندا بىر گۇرۇپپا تۈرك ساياھەتچىلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 6 قىسىملىق زىيارەت خاتىرىسىنى تۈركىيىنىڭ گەبزە گېزىتىدە ئېلان قىلدى.
2012-09-20
خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ خىتاي دۆلىتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلىنىش روھىنىڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.