ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-30
كانادادا ئولتۇرۇشلۇق شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئىنگلىزچە تاللانغان شېئىرلار توپلىمى يېقىندا نەشر قىلىنىدۇ. شېئىرلار توپلىمىنى ئامېرىكىلىق شائىر ۋە تەھرىر جېفرىي ياڭ نەشرگە تەييارلىغان.
2013-12-30
تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسىي مەسىلىلەر ۋە ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق» ماۋزۇلۇق يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەر جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويدى.
2013-12-30
2013-يىلى 29-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.
2013-12-30
2014-يىل ھارپىسىدا، خىتاي ساقچىلىرى يەكەندە يەنە سەككىز نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتتى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ 15-دېكابىر قەشقەر كونا شەھەردە يۈز بەرگەن 14 ئۇيغۇرنى ئېتىۋېتىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى يەنە بىر قانلىق ۋەقە بولۇپ، قىسقىغىنا ئىككى ھەپتە ئىچىدە ساقچىلارنىڭ ئوققا تۇتۇشى سەۋەبلىك ئارقا-ئارقىدىن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.
2013-12-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، 30-دېكابىر يەكەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ب ب س ئاگېنتلىقى، تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقى قاتارلىقلاردا بايانات بېرىپ، خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇپ، 8 ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
2013-12-30
رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋولگاگراد شەھىرىدە 29-دېكابىر ۋە 30-دېكابىر كۈنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەردى.
2013-12-30
27-دېكابىر كۈنى خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تورىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ياڭ گاڭنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ خىزمىتىدىن توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 30-دېكابىر كۈنى يەنە سىچۈەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى لى زۇڭشىنىڭ خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
2013-12-30
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىسىرنىڭ قاھىرە ساقچىلىرى 29-دېكابىر كېچىدە ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ 3 نەپەر مۇخبىرىنى، ئۆتكەن ھەپتە مىسىردە تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىنغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ تۇتقۇن قىلغان.
2013-12-29
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسىنىڭ بۇ قىسمىدا دىققىتىڭلارغا مەرھۇم پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرى شۇنىڭدەك 2013-يىلى تۈركىيىدە يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەرگە ئائىت پروگرامما سانىلىدۇ.
2013-12-29
سىچۈەن ئۆلكىسى سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى لى چوڭشى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
2013-12-29
29-دېكابىر كۈنى كەچ سائەت 2 لەردە ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە ئورگىنىغا تەۋە چارلاش پاراخوتلىرى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان سېنكاكو ئاراللىرى يېنىغا يېقىن ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن ئۈچ دانە خىتاي پاراخوتىنى سەزگەن.
2013-12-29
يەكشەنبە كۈنى، چۈشتە رۇسىيىنىڭ ۋولگاگراد شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 16 ئادەم ئۆلدى ۋە 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
2013-12-29
يەكشەنبە كۈنى كامبودىژانىڭ پايتەختى پىنونپېن شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى نامايىش يۈز بېرىپ، ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى خۇنسېننى ئىستىپاغا چاقىردى.
2013-12-29
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تەرجىمىچىلىكىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى، خەلق ئىچىگە ياخشى تونۇلغان پېشقەدەم زىيالىي توختى باقى ئارتىشى 29-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە 91 يېشىدا ۋاپات بولدى.
2013-12-28
خىتاي دائىرىلىرى چىڭخەي ئۆلكىسى ناڭچيەن ناھىيىسىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تىبەت راھىبى ۋە ئۇنىڭ 16 نەپەر قوللىغۇچىسىنى جۈمە كۈنى قولغا ئالغان.