ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-28
ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەدەپ يولغا قويۇلۇۋاتقان مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى شەنبە كۈنىدىن باشلاپ خىتايدىكى «بىر پەرزەنتلىك بولۇش تۈزۈمى» نى يۇمشىتىدىغانلىقى، ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزلىرىمۇ يالغۇز پەرزەنت بولغان بولسا ئۇلارنىڭ يەنە بىر بالا تۇغۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-12-28
جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھېيگېل بايانات ئېلان قىلىپ، ئوكىناۋا دائىرىلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى يۆتكەش قارارىغا تەستىق سالغانلىقىنى قارشى ئالدى.
2013-12-28
ئامېرىكا يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ ئاناتولىيە ئۆلكىسىدە 5.8 بال يەر تەۋرىگەن. خەۋەرگە قارىغاندا يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى تېيىز بولغان.
2013-12-27
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-12-27
شەرقىي ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 33-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تۇنجى قېتىم يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان «ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر» ماۋزۇلۇق مۇنازىرە تېمىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
2013-12-27
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىيانەتچىلىككە چېتىلىپ قالغان 3 نەپەر ئىچكى كابېنت مىنىستىرى، ئۆكتىچىلەرنىڭ شۇنداقلا تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا چىدىيالماي، چارشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
2013-12-27
يېقىندا ئالماتادىكى «مىر» نەشرىيات ئۆيىدىن قازاقىستاننىڭ تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئەزاسى ئالىمجان باۋدىنوفنىڭ «ئۆتنە ئالەم» ناملىق رومانى يورۇق كۆردى.
2013-12-27
ئىستانبۇلدا تەشۋىقات ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىستانبۇلدا پروگرامما تارقىتىۋاتقان قۇددۇس تېلېۋىزىيە قانىلىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقىتىلىشقا باشلىدى.
2013-12-27
12-ئاينىڭ 26-كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازىرىنى تاۋاپ قىلىشى خىتاي بىلەن كورېيەنى قاتتىق بىئارام قىلدى. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
2013-12-27
1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پېشقەدەم ئوفىتسېرلىرىدىن ئابدۇرۇسۇل توختىيوف ئاكا ئۆزىنىڭ غېنى باتۇرغا ئەگىشىپ نىلقىدىن غۇلجىغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ تاكى ماناسقا بارغىچە بارلىق جەڭلەرگە قاتنىشىپ، غازى بولغانلىقىنى ئاڭلاتتى.
2013-12-27
مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەدىكى تۈرك بىرلىكى ۋە باشقا ئىلمىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 25-دېكابىر كۈنى بېرلىندا «تۈركىستان كېچىسى» ناملىق ئىلمىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن.
2013-12-27
دۇنياۋى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 26-دېكابىر كۈنى ياسۇكۇنى بۇزرۇگۋارلار مازارلىقنى زىيارەت قىلغان.
2013-12-27
خىتايدا چىقىدىغان «سۇمۇرغ» خەۋەر تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە سابىق بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ «ئېغىر ئىنتىزامسىزلىق ۋە قانۇنسىزلىق» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
2013-12-27
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرغاق رايون جۇغراپىيىسى ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار «كاربون قارا ئۆڭكۈرى» ھەققىدە يېڭى بايقاشقا ئېرىشكەن.
2013-12-27
«نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىرنىڭ ئارمىيە تەرەپ يۆلەپ تۇرغۇزغان يېڭى ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى «تېررورچى تەشكىلات» دەپ ئېلان قىلغان.