ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-01-02
بىرقانچە كۈندىن بېرى مەشھۇر يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ 2011 -يىلى تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىلىپ خەلقئارادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىدى.
2013-01-02
بېيجىڭنىڭ تەيىنلىشى بىلەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە رايون باشلىقى لېڭ چۈنيىڭ، يېقىندىن بېرى خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرى سەۋەبىدىن بېيجىڭ ئاتا قىلغان تەختىنى قوغداشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى يىل كۈنلىرى خوڭكوڭدا قارمۇ-قارشى گۇرۇپپىدىكى نەچچە ئونمىڭ كىشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.
2013-01-02
ئالدىنقى كۈنى بىر تۈركۈم سەپداشلىرى بىلەن نوبېل ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ نەزەربەندتىكى ئۆيىگە ساقچىلارنى بۆسۈپ كىرىپ ليۇ شياۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيانى يوقلىغان ۋە ھال سورىغان مەشھۇر خىتاي ئۆكتىچى خۈجيا بۈگۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىققا سۆز قىلىپ، جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنى نەزەربەندتىكى ليۇ شيانى يوقلاشقا چاقىرغان.
2013-01-02
29-دېكابىردىن باشلاپ ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلماقتا. يىغىنغا 8 دۆلەتتىن 100 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا دارامسالادىن كەلگەن ۋەكىل، سامنوم تەمپەل سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنى خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە توختاپ قالغان تىبەت-خىتاي سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا دەۋەت قىلغان.
2013-01-01
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى بىلەن خەلقئارالىق دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق فوندى-جەمئىيىتى 31-دېكابىر كۈنى يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2012-يىلىنى ئۇزىتىپ، يېڭى 2013-يىلىنى كۈتۈۋالدى.
2013-01-01
غايىبلاردىن ئابلاجان سۇلايمان ئەينى چاغدا 19 ياش، قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدىن. ئۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە كەلگەن بولۇپ، ۋەقەدىن بىر كۈن كېيىن ئات بەيگە مەيدانى 6-كوچىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
2013-01-01
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. كېيىنكى يىللاردا بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى تېزلا خەلقئارالىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.
2013-01-01
يېقىندىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلەپ يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ. 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل ياشلار بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قېرىنداش جۇغراپىيىلەردىكى قېرىنداشلار پروگراممىسى بويىچە «قانىغان يارا شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
2013-01-01
ياپونىيە ۋاسىدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى مولى كازۇكو قاتارلىقلار بىرلىكتە تەرجىمە قىلغان «نىكسوننىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى مەخپىي سۆھبەتلەر» ناملىق كىتاب، ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
2013-01-01
كىشىلەر ھەر يىلى يېڭى يىلنى قۇتلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. يېڭى يىلنى قۇتلاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۈملىدىن مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزلىرىگە خاس ئۆزگىچىلىك بىلەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدۇ.
2013-01-01
ياۋا كەپتەر ناملىق ئەسىرى سەۋەبىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالماقتا.
2013-01-01
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشنى تەلەپ قىلدى. خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۆتكەن جۈمە كۈنى چاقىرىلغان 2013-يىللىق مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق ئەھۋالى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان.
2013-01-01
سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا ئون مىڭدىن ئوشۇق كىشى نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭ ۋالىيسى لياڭ جېڭيىڭنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.
2013-01-01
ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى خىتايدىن كېتىشكە مەجبۇرلانغان. گېزىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇخبىر كىرىس بۇكلىي 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى خىتايدا تۇرۇۋاتقان تەجرىبىلىك مۇخبىر.