ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-27
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىنىڭ تولۇق تېكىستى، سۈرەت ۋە ئۈنلىرىگە يانفونىڭىز ئارقىلىق ئېرىشەلەيسىز.
2013-12-26
24-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ خېبىي ئۆلكىسىدە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 23 نەپەر ئوقۇغۇچى يارىلانغان. خىتاي دائىرىلىرى«بۇ ۋەقە 3 يىل ئەرز قىلغان بىر ئاتىنىڭ نارازىلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ۋەقە» دەپ خەۋەر بەردى.
2013-12-26
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كۆپلۈكى ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى داۋاملىق ھالدا تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.
2013-12-26
يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاخباراتلىرى، «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش»، دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردا يىغىن ئېچىش ۋە تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.
2013-12-26
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان زورلۇق ۋاسىتىلىرىگە تايانغان ۋەقەلەر يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى خىتاي ۋە چەتئەل تېررور مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە. ھەممە بىردەك بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ بۇندىن كېيىن يىلسېرى كۈچىيىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.
2013-12-26
خىتاي ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغان بۇ ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تۇغۇت سانىنىڭ ئازلاپ كېتىشى ۋە ئومۇمەن ئاھالە سانىدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇناسىۋىتى بىلەن، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە قانۇننى مۇھاكىمە قىلىۋاتماقتا.
2013-12-26
چاپچال ناھىيەلىك ھۆكۈمەت يېقىندا مەزكۇر ناھىيەدىكى يەر زېمىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان ئەرزدار دېھقانلارنى ساقچىخانىغا تۇتۇپ ئاپىرىپ سوراق قىلغان ۋە تەھدىت سالغان.
2013-12-26
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابې پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقى-ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلىقىنى تاۋاپ قىلىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن قۇربانلارغا دۇئا قىلدى.
2013-12-26
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىيانەتچىلىككە چېتىلىپ قالغان 3 نەپەر ئىچكى كابېنت مىنىستىرى، ئۆكتىچىلەرنىڭ قاتتىق بېسىمىدا چارشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
2013-12-26
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى يې خەيلىن، پۇل شىنجاڭ مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى، ئۇلارنىڭ دۆلەت تونۇشىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2013-12-26
ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى ئەپەندى 25-دېكابىر ئۈندىدار ئارقىلىق يېڭى يىل تەبرىكنامىسى ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى» غا، دىنىي سەۋەبلىك، مىللىي كىملىك ۋە ئەركىن پىكىر قىلىش سەۋەبلىك جازاغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.
2013-12-26
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17- ۋە 18 كۈنلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەر قايسى دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ پائالىيەت ئۈچۈن تەييارلانغان زالدىن ئورۇن ئالغان.
2013-12-26
ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى دۇنياۋى تاراتقۇلارنىڭ ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنقى سىياسىي رېئاللىقىغا بولغان قىزىقىشى مەلۇم دەرىجىدە ئېشىپ بارماقتا.
2013-12-25
بۇلاقسۇدىكى ۋەقەنىڭ بىر يەر ئاستى دىنىي مەكتەپنىڭ بايقىلىش ۋە تاقىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ ۋەقەدە ئاز دېگەندە 50 كىشى سوراق قىلىنغان ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان.
2013-12-25
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارەتلىرى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن ئاساسەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ پاش قىلماقتا.