ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-25
«گۈلەن» تەخەللۇسىدىكى يازمىلىرى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى نائېنىق قىسمىتى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى تەشۋىشكە سالماقتا.
2013-12-25
چەتئەلدىكى بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى داۋاملىق سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە تېررورلۇقنىڭ بۆشۈكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئىكەن.
2013-12-25
چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 19-ئەسىرگە ئائىت مەخپىي ئارخىپلىرى ئارىسىدىن 1880-يىلى، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى قەشقەرىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياقۇپ بەگنىڭ ئوغلىنى باش قىلىش پىلانىغا ئائىت ھۆججەتلەر تېپىلغان بولۇپ، رۇس ئالىملىرى بۇ ئارخىپلارنى ئاشكارىلىدى.
2013-12-25
قىش پەسلىدىكى چاڭغا تېيىلىشتىن ئىبارەت تەنتەربىيە تۈرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئالتاي تاغلىرىدا دۇنيادا ئەڭ دەسلەپتە بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى دەسلەپكى قاراشلار ئالىملار تەرىپىدىن يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
2013-12-25
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنى دۆلەتلىك ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلدۇرۇش مەركىزىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى خىزمەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالدى.
2013-12-25
ئۆتكەن 4 ئايدىن بۇيان خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنى يوقلاش يولىدىلا ئىزتىراپ چېكىۋاتقانلىقى مەلۇم.
2013-12-25
خىتاي ئاخباراتى بۈگۈن مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى لى دوڭشېڭنىڭ «ئىنتىزامسىزلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-12-25
خېيلوڭجاڭلىق بىر خىتاي ئەر ئۆز قىزىنى يوتقان يىڭنىسى بىلەن ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
2013-12-25
تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، تەيۋەن-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى كېلەر يىلى فېۋرالدا ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە سۆزلىشىدىكەن.
2013-12-25
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئامېرىكىنىڭ ئوكىناۋادا تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى يۆتكەش مەسىلىسىدە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
2013-12-24
17-دېكابىر كۈنى سايباغ يېزىلىق پارتكومدا ئېچىلغان سايباغ توقۇنۇشى ھەققىدىكى يىغىنىدا، خىتاي سېكرېتار ۋەقەدە ئۆلگەن ئىككى نەپەر ساقچىغا تەزىيە بىلدۈرگەندىن كېيىن كادىرلار ۋە ئاممىنى ئۇلار ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئىنتىقام ئېلىشقا چاقىرغان.
2013-12-24
26-ئىيۇن پىچان لۈكچۈن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بارغان قارشىلىقلىرى ئىچىدە ئادەم ئۆلۈش سانى كۆپ، ئەڭ زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى.
2013-12-24
بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن مۇزەپپەر ئاكا يېقىندا ئوغلى شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە شان-شەرىپىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاشقا مۇۋەپپەق بولدى.
2013-12-24
شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئالىي ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكىنىڭ 33-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ يىغىندىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، يىغىن ئاياغلىشىش كۈنىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭمۇ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن.
2013-12-24
2013-يىلى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىي مىللەتلەر دۇچار بولغان زۇلۇم ۋە بېسىمغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا «ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق»، «ھەممىمىز ئۇيغۇر!»، «بىزگە ئەركىنلىك!»، «بىزگە دېموكراتىيە!» دېگەندەك شوئارلار توۋلاندى.