ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-24
كابۇلدا تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئەلچىسى كىتادا «نۆۋەتتىكى ئاسىيادىكى مەسىلىلەر» ناملىق دوكلاتىدا «ئافغانىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستان چېگرىسىدىكى ۋاخان كارىدورى كەلگۈسىدە ياۋرو-ئاسىيا ھاۋا يوللىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ھاۋا يولى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدۇ» دېگەن.
2013-12-24
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرى مىللىي مەدەنىيەتنى، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە رازىمەنلىكنى مۇستەھكەملەشتە ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسەتمەكتە.
2013-12-24
2013-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى ۋەتەن زىيارىتىدىن قايتىش سەپىرىدە بېيجىڭ ئايرودرومىدا ساقچىلار تەرىپىدىن مەخپىي تۇتقۇن قىلىنىپ، 79 كۈن سوراق قىلىنغان ئوقۇغۇچى مۇتەللىپ ئىمىن 24-دېكابىر يەنە ئۇيغۇربىز تورى، تۋىتېر قاتارلىقلاردا 5-قېتىملىق ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى سوراق قىلغان ساقچىلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئاشكارىلىدى.
2013-12-24
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 23-دېكابىر كۈنى تەشكىلاتنىڭ تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا يولغا قويغان «مۇخبىرلارنىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ماركسىزملىق ئاخبارات نەزەرىيىسى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئېلىش ئۇقتۇرۇشى» نى ئەيىبلىدى.
2013-12-24
خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،22- دېكابىر كۈنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەزى ھەربىي بلوگ تورىدا، خىتاينىڭ بوخەي دېڭىزىدىكى رايونىدىن بىر قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى مۇنازىرىلەشكەن.
2013-12-24
خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۈڭكاڭنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن بۇيان، جۇ يۈڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە جەمەتى، يېقىنلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر ئاشكارىلانماقتا.
2013-12-23
قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن 15-دېكابىر قانلىق توقۇنۇشى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.
2013-12-23
يېڭى بىر يىلنىڭ باشلىنىش ھارپىسىدا، 2014-يىلىدا خىتاينىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ھەققىدە خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى تور بەتلەردە تۈرلۈك تېمىلاردا مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.
2013-12-23
ئامېرىكا ئورېگون ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر پروفېسسورى، بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ نامى «2013-يىللىق دۇنياۋى 10 مەشھۇر ئالىم» تىزىملىكىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالغان.
2013-12-23
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ، كېلەر ئايدا سوتلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ قىسمىتىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە.
2013-12-23
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى گوللاندىيەدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇش مەقسەت قىلىنغان، Citotoets يەنى «سىتۇ» ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدۇرۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.
2013-12-23
كۈرشات زورلۇ يازغان ئوبزوردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەھمىيىتى، تەبىئىي بايلىقلىرى توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2013-12-23
پروفېسسور دوكتور بۇلمانىڭ «سىمپونىيە كېچىلىكىمىز 21-ئەسىردىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىدا قۇربان بولغان، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، تۈرمىلەردە ئازابتىن ئىڭراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى» دېگەن سۆزى سورۇن ئەھلىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالدى.
2013-12-23
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 2013-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە 1234 نەپەر ئەمەلدار قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان.
2013-12-23
20-دېكابىر، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزگەن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.