ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-23
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ، خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان.
2013-12-23
خىتاي ياپونىيەنىڭ ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتىش پىلانىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ پىلانىغا قارشى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئاسىيا ۋە دۇنيادا چوڭقۇر ئەنسىزلىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-12-23
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۈشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ «2013-يىللىق دۆلەت قەرزى كۆرسەتكۈچى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمى قەرزى 2012-يىلى 28 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ بارغانلىقى، بۇ شۇ يىلقى خىتاي ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتىنىڭ 53% ئىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2013-12-21
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېقىنى توقۇنۇش ھەققىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىشىش مەسىلىسىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما ئۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى سۈرۈشتۈرمىگەن.
2013-12-21
بېيجىڭدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۆكتىچى زات خۇ جيا ئەپەندى خىتايدا كەڭ ئومۇملاشقان «WeChat» يەنى «ئۈن دىدار» نىڭ دائىرىلەرنىڭ پائالىيەتچىلەرنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ئاسانلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-12-21
بۇ يىللىق پاختا يېغىش مەزگىلدە ئۆزبېكىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش تۈزۈمىنىڭ يەنە ئىجرا قىلىنغانلىقى مەلۇم.
2013-12-21
بۇ ھەپتە سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن قىسىم شېئىر ماقالىلەرنى ئاڭلىتىمىز. ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۈگۈنلۈك پروگراممىمىزغا مەرھەمەت قىلغايسىلەر!
2013-12-21
بىزنىڭ ئاۋسترالىيەگە قوبۇل قىلىنغان ۋىزىمىز كەلدى. ۋىزىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتەننى، بىللە ئۆسۈپ، بىللە ياشىغان ئەل-يۇرتنى، دوست-يارەنلەرنى، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى، خەلقىمىزنى تاشلاپ، ئەل-يۇرتى تونۇش بولمىغان يىراق يەرگە كېتىشنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىغىنى ھېس قىلدىم. كەتكۈم كەلمەي قالدى، ھايات يولى نېمە دېگەن تەس!!!
2013-12-20
ئامېرىكىدىكى پېۋ خەلقئارا ئستاتىستىكا تەتقىقات ئورگىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتايغا بولغان كۆز قارىشى ھەققىدىكى بىر ستاتىستىكىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ستاتىستىكا 39 دۆلەتتىكى كىشىلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسىدە خۇلاسىلەپ چىقىلغان.
2013-12-20
20 - دېكابىر كۈنى ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «قانۇنسىز ئىئانە توپلاش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىغا تۆت ئاي تولدى.
2013-12-20
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سۇ ۋە مۇھىت مەسىلىسى بويىچە ئىچكى قىسىمدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېغىرلىشىۋاتقان سۇ كرىزىسىنى ئاشكارا قىلماقتا.
2013-12-20
2013 - يىلى 16 - دېكابىر، تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قىلدى.
2013-12-20
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەر جان باشچلىقىدىكى ھەيئەت 19 - دېكابىر كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بريۇسسلدىكى ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلدى.
2013-12-20
15 - دېكابىر قەشقەرنىڭ كونا شەھەر ناھىيىسى سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرى،تور بەتلىرى،گېزىتلىرى كەڭ ئورۇن بەرگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل توقۇنۇشلار توغرىسىدا بىر قىسىم نوپۇزلۇق گېزىتلەردە سىياسىي مۇلاھىزىلەرمۇ ئېلىپ بېرىلغان.
2013-12-20
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن كىشىلىرىنى ھەر دائىم بېشىدا كۆتۈرۈپ ھۆرمەتلەپ كەلمەكتە. ۋاپات بولغان پىشقەدەملىرىنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلىرى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەلگە قوشقان تۆھپىلىرىنى يوقىرى باھالاپ، روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلماقتا.