ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-11-30
سېرىقبۇيا ۋە بېيجىڭدىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش تەدبىرلىرى يەنە كۈچەيتىلگەن مەزگىلدە «شىنجاڭ گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مۇقىملىقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
2013-11-30
خىتاي شەرقىي دېڭىزدا ئۆز ئالدىغا ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونى بەرپا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
2013-11-30
جۈمە كۈنى خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ ئۆزى ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىدا ئۇچقان ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى كۆزەتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ھەربىي شتاب باشلىقلىرى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مەزكۇر رايوندا ئىزچىل نورمال ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-11-30
بىر تىبەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ياۋروپا ۋە ئاسىيانى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىپ، شەنبە كۈنى دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش شتابىغا كەلدى.
2013-11-30
سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن بىر قىسىم نادىر شېئىرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۈگۈنلۈك پروگراممىمىزغا مەرھەمەت قىلغايسىلەر!
2013-11-30
بىر كۈنى كەچقۇرۇن ساجىدە ئىككىمىز ساجىدەنىڭ ھەدىسىنىڭ سەندوڭبۇيىدىكى ئۆيىگە باردۇق. ساجىدە شۇ يەردە تۇراتتى. ئۆيدە ئېگىز، گەۋدىلىك، قويۇق قارا چاچ، قار كۆزلۈك، ئۇزۇن قارا قاشلىق، يۈز تېرىلىرى ئاق بىر ئادەم ئولتۇراتتى. ساجىدە ئوچۇق چىراي بىلەن كۆرۈشتى.
2013-11-30
2001 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئافغانىستانغا كىرگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى پاكىستان ھەربىي تەرەپتىن 18 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر ياشنى «تېررورىستلار» دېگەن گۇمان بىلەن ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنى ھەربىي ئايروپىلانغا قاچىلاپ ئافغانىستاننىڭ قەندىھار شەھىرىگە يېقىن ھەربىي بازىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ 12 - ئايغا كىرىپ قالغان قەھرىتان قىش مەزگىلى بولۇپ، ئۇلارنى بوران ھۇشقىيتىپ تۇرغان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە قامايدۇ.
2013-11-29
4 يېرىم يىلدىن بۇيان غايىب ئوغلى ئەيساجان ئەمەت ھەققىدىكى دەرت-ئەلەملىرىنى ئېيتىدىغان ئادەم تاپالماي ئولتۇرغان تۇرسۇنگۈل خانىم، فىرانسىيەلىك مۇخبىرنى ھەم خۇشاللىق، ھەم دەرد-ئەلەمدىن پارتلاپ چىققان يىغا-زارە بىلەن كۈتۈۋالىدۇ.
2013-11-29
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-11-29
27-نويابىر كۈنى جەنۋەدە ئېچىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى يىغىن بىلەن 28-نويابىر كۈنىدىكى قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ سوئال سورىشىنى توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمىدى.
2013-11-29
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا زور مىقداردىكى يەرلەرنى ئىگىلىۋالغان خىتاينىڭ جۈنكۇن شىركىتى 2006-يىلى ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۈنتاغ يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ 500 مو يېرىنى مەجبۇرى ئېلىۋالىدۇ.
2013-11-29
ئىدىقۇت ئاسمىدا چاقنىغان ئەركىنلىك، مەرىپەت يۇلتۇزلىرىنىڭ ئاخىرىقىسى، مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىۋاتقان بىرىدىن - بىر ئوغلى، پىشقەدەم زىيالىي، مائارىپچى ئىبراھىم مۇھىتى مۇشۇ ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
2013-11-29
چېقىمچىلىق-بىراۋنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەققىدە باشقىلاردىن ئاڭلىغان بىر-ئىككى ئېغىز گەپنى، يالغان سۆزلەر بىلەن كۆپتۈرۈپ قارشى تەرەپكە ئاڭلىتىش يالغانچىلىقى بولۇپ، خائىنلىقنىڭ بىر تۈرىدۇر. بۇ ئادەتتىكى گەپ توشۇشتىن پەرقلىق جىنايەتتۇر.
2013-11-29
قىرغىزىستان دۆلەتلىك مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس بولۇمىدە باشلىق بولۇپ ئىشلەۋاتقان پولكوۋنىك مالىك سىدىقوف بادالوف يىللاردىن بېرى قىرغىزىستان ئارمىيىسىدە، دۆلەت مۇداپىئە ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىپ قىرغىزىستان دۆلىتىگە كۆپ ھەسسە قوشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى.
2013-11-29
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى خې ۋېيفاڭ، ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قويغان چەكلىمىسى ئاساسىي قانۇندىكى دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.