ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-11-20
ياپونىيە رادىئو ئىستانسىسى ئۆتكۈزگەن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى تېررورلۇق ۋەقەمۇ؟» تېمىسىدىكى نەق مەيدان رادىئو سۆھبىتىگە دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
2013-11-20
يېقىندىن بۇيان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەت قىلىپ تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپى ساھەلىرى بويىچە شىركەت قۇرۇشقا ۋە دۇكان ئېچىشقا باشلىدى.
2013-11-20
ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخىي شەخس، 8-ئەسىردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ شاھزادىسى بايانچۇرنىڭ ئوبرازى دەسلەپكى قېتىم ئۇيغۇر مىللىي سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
2013-11-20
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى «تەرەققىياتقا ماس كەلمەيدۇ» دېگەن باھانىلەر بىلەن چەكلەۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكىدىكى مىكروسوفت شىركىتى Windows 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە داڭلىق ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
2013-11-20
ئىسپانىيە سوتى سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈردى.
2013-11-20
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر مەسلىھەت گۇرۇپپىسى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي ھازىرلىقى بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇردى.
2013-11-20
چارشەنبە كۈنى بىر ھايۋاناتلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى بايات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئىشلەنگەن ئۇزۇن يۇڭلۇق ئەنقەرە توشقىنى مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.
2013-11-20
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گاري لوك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىرچە ئۇنىڭ نېمە سەۋەبلەردىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئۇ كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىكەن.
2013-11-19
«16-نويابىر سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە» شۇ كۈنى 17 ياش بىلەن 23 ياش ئارىسىدىكى 9 نەپەر پىدائىي ساقچىخانا ئالدىدا توختىغان بىر ئاپتوموبىلدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى قولىدا كۆتۈرگەن ھالدا ساقچىخانىغا تەكبىر ئېيتىپ بېسىپ كىرگەن.
2013-11-19
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق داۋاسىدىكى پائالىيەتچان بىر سىياسىي تەشكىلاتتۇر.
2013-11-19
خىتاينىڭ يەر شارى مىقياسىدا ئىككىنچى زور ئىقتىسادىي دۆلەت سۈپىتىدە كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە مىللىي زىددىيەتلەرمۇ ئۆزىنى ئاشكارا قىلماقتا.
2013-11-19
17-نويابىر كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
2013-11-19
دالاي لاما ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئەۋەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان دوپپا ۋە ئەتلەس شارپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، رەھمىتىنى بىلدۈردى.
2013-11-19
17-نويابىر گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ھەم يېقىلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرجەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇھىملىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار مەزمۇن قىلىنغان لېكسىيەنى ئاڭلىدى.
2013-11-19
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 16-17-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە، ئانتالىيە ئەدەبىيات -سەنئەت ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تۈرك دۇنياسىنىڭ شائىر-يازغۇچىلار ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.