ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-11-19
يەر شارى ۋاقتى گېزىتى دۈشەنبە كۈنى مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە، «تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ساقچىلارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نى تەشەببۇس قىلىپ، ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان.
2013-11-19
ئىسپانىيە سوتى خىتاي سابىق ئەمەلدارلىرىدىن 6 كىشىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلار ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
2013-11-19
ئۆزىنى «بۈيۈك بۆسكۈچى» دەپ ئاتىۋالغان بىر تور بېكىتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «سەددىچىن سېپىلى» تور توسمىسىنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان يۇمتال لايىھىلىگەنلىكىنى ۋە تورداشلارنى بۇ خىل يۇمتال بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-11-19
18-نويابىر خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى تەيخې ناھىيىسىدە نەچچە مىڭ دېھقان ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلىنىپ، زوراۋانلىق بىلەن يەر ئىگىلەشكە قارشى نارازىلىق نامايىش قىلدى.
2013-11-19
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف 19-نويابىر كۈنى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسىنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئەيىبلەپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چىدىغۇسىز دەرىجىدىكى ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
2013-11-18
خىتاي كومپارتىيىسى 18-قۇرۇلتاي 3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ نىسبەتەن دىققەت تارتقان قارارلىرىدىن بىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنى قۇرۇش پىلانىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كومىتېت ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن پەرقلىق ھالدا پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا بىۋاسىتە قارايدۇ.
2013-11-18
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر تۈزۈمنى ئۈزۈل-كېسىل بىكار قىلىشقا، ئۇنىڭ ئورنىغا كىشىلەرنى سوتلىماي سولايدىغان باشقا خىل سىستېما ئورناتماسلىققا چاقىردى.
2013-11-18
ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ خاتىرىسى يادلىنىۋاتقان يېقىنقى كۈنلەردە شىۋېتسىيەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى ئىلمىي دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرى ھەر ساھەدىكى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
2013-11-18
مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرى، تور بەتلىرى ۋە شۇنداقلا گېزىتلەردىن كەڭ ئورۇن ئالدى.
2013-11-18
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بىلەن شەخسىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مارالبېشىدىكى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىنىڭ يەنە ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 11 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىگە كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بەردى.
2013-11-18
17-نويابىر كۈنى كەچتە، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش بىرلەشمە پائالىيىتى تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
2013-11-18
15-نويابىردا ئالماتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى» كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتتى.
2013-11-18
رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، د ئۇ ق 16-نويابىر سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۈچ كىشىنىڭ مارالبېشىلىق ئىكەنلىكىنى، ئىككىسىنىڭ ئاقسۇلۇق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
2013-11-18
17-نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيىسى جىربۇلاق سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ سۇ ئامبىرىدا تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن تاشقىن يۈز بېرىپ، ئەتراپتىكى 1000 دىن ئارتۇق ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇلدى.
2013-11-18
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، 18-نويابىر رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «16-نويابىر سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە ھۇجۇمچىلارنى تىرىك تۇتۇش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق قىرىپ تاشلىدى. بۇ ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانغانلىق!» دەپ ئەيىبلىدى.