ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-11-29
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى جۈمە كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
2013-11-29
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى جۈمە كۈنى ئەگەر ياپونىيە خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىغا كىرسە، ھۆكۈمەتنى ئىككىلەنمەي مۇداخىلە قىلىشقا چاقىردى.
2013-11-29
«خىتاي مەملىكەتلىك مۇھىت بىرلەشمىسى» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئورگان جۇڭگو نېفىت شىركىتىنى مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ مەھكىمىگە ئەرز قىلغان ۋە جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ 10 مىليون دوللار تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان.
2013-11-29
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى خۇنەنلىك ئۆكتىچى جاۋ فېڭشىڭنى تۇتۇپ كەتكەن. جاۋ فېڭشىڭنىڭ يېقىنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇنىڭ يېقىندا تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
2013-11-28
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىغا «سىياسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولۇش» شەرتىنىڭ ئەڭ ئالىي ئۆلچەم قىلىنىدىغانلىقى جاكارلانغان.
2013-11-28
ھازىر بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان 91 ياشلىق سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجىبايېف ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1943-يىلى ئىنقىلاب باشلانغاندىن تاكى 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن بىرى.
2013-11-28
2013-يىلى27-نويابىر كەچ سائەت 10 دا، قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا، «خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نىڭ باش كاتىپى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلۇ بېرما ۋە ئانگولادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىلىق مەخسۇس پروگراممىغا دەۋەت قىلىنغان ئىدى.
2013-11-28
تۈرك دۇنياسى ياش كارخانىچىلار يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى. 25-نويابىر كۈنىدىن 28-نويابىر كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللانغان.
2013-11-28
يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن ئەسقەرجان، ئىلھام ماھمۇت ۋە دولقۇن ئەيسالار كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ يەردىكى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى.
2013-11-28
ياپونىيە ھوكايدو ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور ئاكىرا فۇجىمونىڭ «خىتايدىن نەپرەتلىنىش دەۋرىدىكى خىتاي نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان.
2013-11-28
ياپونىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى خىتايدىن ئۇنىڭ شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىنى دەرھال بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
2013-11-28
جۇڭگو مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندا قىلغان سۆزلىرىنى تەنقىدلەپ، «شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىش قىلىۋاتقانلىقى» نى ئاگاھلاندۇردى.
2013-11-28
1989-يىلدىكى «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ رەھبەرلىرىدىن ئۆركەش دۆلەت ئىككى كۈن ئاۋۋال تەيۋەندىن خوڭكوڭغا كېلىپ، خوڭكوڭ چېگرا دائىرىلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.
2013-11-28
خەلقئارا ئادىل سوتلىنىش تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپولغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر ئورگاننى مۇساپىرلار، ژۇرنالىستلار، تىنچ سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى جازالاش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
2013-11-28
ئالاھازەل بىرەر يۈزدىن ئارتۇق ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاڭفۇجىندا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز سىياسىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىگە تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان.