ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-11-14
1933- ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن د ئۇ ق نىڭ بەزى رەھبەرلىرى 11-نويابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا بىر يەرگە جەم بولۇپ خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقتى.
2013-11-14
خىتاينىڭ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقى ئارزۇ قىلغاندەك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى باستۇرۇپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2013-11-14
12-نويابىر كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاقى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىشكەك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى خاتىرىلەپ يىغىلىش ئۆتكۈزدى.
2013-11-14
يەتتە ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي قاراقچى ۋە ئۇنى جازاغا تارتمىغان داليەن ساقچىلىرى ئۈستىدىن داۋا قىلىۋاتقان ئۇچتۇرپانلىق ئەرزدار ئايال نۇرۇنگۈل توختى، بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 4-كۈنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
2013-11-14
خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ قىزى، ئامېرىكىنىڭ جپ مورگان بانكىسىغا مەسلىھەتچى بولۇپ خىزمەت قىلىپ 2 يىلدا 1 مىليون 800 مىڭ دوللار پايدا قازانغان.
2013-11-14
بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت تورى بولغان تەڭرىتاغ تورىدا «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى.
2013-11-14
رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ بىر تۈركۈم قىز ئوقۇغۇچىلىرى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئاچلىق ئېلان قىلغان.
2013-11-14
بۈگۈن ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرىدە بايان قىلىنىشىچە «چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلار بىرلىكسېپى» ناملىق تەشكىلات، بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ تەنىسى شتاتىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ خىتاي كومپارتىيىسىنى قوراللىق قوزغىلاڭ يولى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەققىدە خىتابنامە ئېلان قىلغان.
2013-11-13
ۋەتىنىنىڭ ئازاد بولغان كۈنلىرىگە شاھىت بولۇش يەنى ھايات چېغىدا ئازاد شەرقىي تۈركىستاننى كۆرۈش، بۇ يولدا ھىجرەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇلىرىنىڭ بىرى بولسا كېرەك.
2013-11-13
چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە قىلىنىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىمنى «زوراۋانلىقنىڭ يىلتىزى» دەپ كۆرسەتكەن.
2013-11-13
بۈگۈن خىتاينىڭ قانۇنچىلىق تور بېتى خىتايدىكى 100 مىڭدىن ئوشۇق «سىنا ۋېيبو» تورى قوللانغۇچىلىرىنىڭ ھېسابىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تور قوللانغۇچىلىرى «7 ئاساسىي ئۆلچەم» گە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بەزىلىرىنىڭ تور بەتكە سۆز قالدۇرۇشى چەكلەنگەن بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ ھېسابى مەڭگۈلۈك تاقىۋېتىلگەن.
2013-11-13
تۇرپان شەھىرى تەۋەسىدىكى ئادۋوكاتلار قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ھەققىدىكى ۋەدىنامە قول قويۇشقا مەجبۇرلانغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئادۋوكاتلارغا قول قويدۇرۇلغان مەزكۇر ۋەدىنامىدە «ئادۋوكاتلار چوقۇم ئائىلە ئەزالىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ھىجاپلانمايدىغانلىقى، ياغلىق ئارتمايدىغانلىقى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدىغانلىقى ۋە ئائىلىسىدىكى ياش ئەرلەرنىڭ ساقال - بۇرۇت قويمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغان.
2013-11-13
مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى پائۇل مۇنېيغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
2013-11-13
ئامېرىكىنىڭ «ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى» يەنى GMC شاڭخەيدىكى باش شتابىنى سىنگاپورغا يۆتكەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2013-11-13
91 ياشلىق تارىخىي شاھىد، سابىق مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئوفىتسېرى، مايور خەمىت كەنجىبايېف ئۆز ئەسلىمىلىرىدە 1944 - يىلى، 7 - نويابىر كۈنى ئىنقىلابنىڭ 1 - پاي ئوقى ئېتىلغان ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.