ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-11-10
ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان نوبۇئاكى،ھىسائو، مىتسۇيوشى قاتارلىقلار بىرلىكتە تۈزگەن «ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقاتى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدا «تۈرك تاتارلىرىنىڭ ياپونىيىگە ئولتۇراقلىشىشى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2013-11-10
9-نويابىر كۈنى كەچتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 1933-ۋە 1944-يىللىرى ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى تەنتەنىلىك تەبرىكلىدى. شۇنداقلا بۇ پائالىيەتتە يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىمۇ خاتىرىلەندى.
2013-11-09
سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن بىر قىسىم نادىر شېئىرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۈگۈنلۈك پروگراممىمىزغا مەرھەمەت قىلغايسىلەر!
2013-11-09
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 12 - نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەنمەكچى.
2013-11-09
تيەنئەنمېنگە قىلىنغان ئاپتوموبىل ھۇجۇمىدىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرىدە تېرىچىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دائىملىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.
2013-11-09
خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈش نىسبىتى بارغانچە ئاستىلاۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي رەھبەرلىرى ئىقتىسادىي ئىگىلىكنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن بېيجىڭغا يىغىلدى.
2013-11-09
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتايدىكى ئىسراپخورلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى زىياپىتىنى قىسقارتىشتىن باشلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى يەنىلا كۆرۈلمىگەن.
2013-11-09
1969 - يىلى ئىلى دەرياسى بويىدىكى غۇلجا شەھىرىدە ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئابابەكرى قاسىم ئاتا - ئانىسىنىڭ ئامراق ئوغلى ئىدى. شۇ يىللاردا ئىلى تېرە زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ئاتا - ئانىسى باشقا مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ قىسمىتىگە ئوخشاشلا قىزىل رېجىمنىڭ قۇربانى بولۇپ يىراق يېزىلارغا ئەمگەك تەربىيىسى ئېلىشقا چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ. بىرقانچە يىللىق سۈرگۈندىن كېيىن ئابابەكرىنىڭ دادىسى ھەر تەرەپكە چېپىپ ئاخىرى ئائىلىسىنى ئېلىپ غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىدۇ.
2013-11-09
شۇنداق قىلىپ ساجىدە ئىككىمىز ھەر كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە مۇسا ئەيسانىڭ ئالدىغا بىر ئاي قاتراپ ھېچقانداق بىر ئۈمىدلىك سۆز بولمىدى. باشقا بۆلۈملەرگە، لاۋگەي دۈيلەرگە كىرىپ ئىزدەندۇق. بىزنىڭ بۇ ئىشنى پەقەت شۇ مۇسا ئەيسا قىلىدىكەن، باشقىلارغا ئۇنداق ھوقۇق بېرىلمىگەن دېيىشەتتى.
2013-11-08
28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىشى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2013-11-08
تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن 28-ئۆكتەبىر ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خىتايغا ئوخشاش ئىچكى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ جىق پۇل سەرپ قىلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك سىستېمىسى ئۈچۈن سوئال پەيدا قىلدى.
2013-11-08
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆپ ماقالىلەرنى يېزىپ، بۇ ساھەدە تونۇلغان ئەنگلىيە ئالىمى مايكول دېلوننىڭ قەلىمى ئاستىدا 2012-يىلى «ھازىرقى زامان خىتاي تارىخى» ناملىق كىتاب يېزىلىپ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئىدى.
2013-11-08
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ كېلىۋاتقان ئاتاقلىق دۆلەت ئەربابى، پروفېسسور دوكتور نەۋزات يالچىنتاش باشچىلىقىدىكى تۈرك سىياسەتچىلىرى، ئاخباراتچىلىرى شۇنىڭدەك پارتىيە، ھۆكۈمەت خادىملىرىگە زىياپەت بەردى.
2013-11-08
ياپونىيە تاكاراجىما نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «خىتاي دۇنيانىڭ نەپرىتىگە ئۇچىرىماقتا» ناملىق ژۇرنالدا ياپونىيىلىك ژۇرنالىست فۇكۇشىما كائورى خانىمنىڭ «ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش ئىنقىلابى قايتا باشلاندى» سەرلەۋھىلىك زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان.
2013-11-08
ھازىر قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان 92 ياشلىق پىشقەدەم مىللىي ئارمىيە ئوفېتسىرى تۇرسۇنھاجى قۇربان ئاكا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدىكى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.