ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-11-07
خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال پېڭ يۇڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا گېنېرال ليۇ لېي ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.
2013-11-07
بۈگۈن خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندىكى ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بىلەن تەنقىد قىلدى.
2013-11-07
بۈگۈن شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى ئىچىدە قوش تىل مائارىپى بويىچە تەربىيىلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 1 مىليون 700 مىڭغا يېتىپ، ئومۇمىي رەقەمنىڭ 66 پىرسەنتىدىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلغان.
2013-11-07
پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلنىڭ 3-چارىكىدە ئامېرىكا ئىقتىسادى 8.2 نىسبەت بىلەن زورايغان. بۇ رەقەم 2 پىرسەنتلىك تەخمىنى رەقەمدىن يۇقىرى چىقىشى كۆزەتكۈچىلەرنى ھەم ھەيران قالدۇردى ھەم مەمنۇن قىلدى.
2013-11-06
تيەنئەنمىن ھۇجۇمچىسى ئوسمان ھەسەن ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئوسمان ھەسەننىڭ تيەنئەنمېنگە ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولغان بىر قاتار سەۋەبلەر ئىلگىرى سۈرۈلدى. مانا بۇلاردىن ئوسمان ھەسەننىڭ مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن پىلال مەسچىت ۋەقەسىدۇر.
2013-11-06
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى-«شىنجاڭ گېزىتى» ئوبزور ئېلان قىلىپ، «مەدەنىيەتسىز» ئۇيغۇر ياشلىرى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، دەپ كۆرسەتتى. بىراق، بۇ خۇلاسە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
2013-11-06
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى دۆلەت چېگرىسىدىن كىرىپ-چىققاندا ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى پائالىيىتى جەريانىدا، شۇ كىشىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ئىسپات ھېسابلىنىدۇ.
2013-11-06
تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار ۋەقەدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ چىڭىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.
2013-11-06
2-، 3-نويابىر كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە چاقىرىلغان «تۈرك-ئەرەب مۇناسىۋىتى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئائىلە ۋە خانىم-قىزلار مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2013-11-06
ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتى 28-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە مەزكۇر گېزىتتە ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلماقتا.
2013-11-06
5-نويابىر قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى مەركىزى رەسىملەر كۆرگەزمە زالىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى سابىت باباجانوفنىڭ رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا جانىش ئېركىبايېف رىياسەتچىلىك قىلغان.
2013-11-06
ئەرەبلەردە مۇندىن 15 ئەسىر ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن بېرى ئەبۇ رىغال ئىسىملىك بىر ئادەم ساتقۇنلۇقنىڭ بىردىنبىر سەلبىي ئۈلگىسى بولۇپ كەلگەن ئىكەن. تا ھازىرغىچە ئەدىبلەر ئەسەرلىرىدە، شائىرلار شېئىرلىرىدا ئەبۇ رىغالغا لەنەت ئوقۇيدۇ.
2013-11-06
«ئۇيغۇربىز» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن بېيجىڭدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ كۈن ئالمىقى تېخىمۇ تەسلەشكەن.
2013-11-06
مەلۇم بولۇشىچە، خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئوقۇغۇچىلىرى دائىرىلەرنىڭ باش كىيىمىنى چەكلەش قارارىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئاچلىق ئېلان قىلغان. ئاچلىق ئېلان قىلغۇچىلارغا چارە كۆرۈلگەن.
2013-11-06
ياپونىيە باش ۋەزىرى ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە رۇخسەتسىز كىرگەن ھەرقانداق ئايروپىلانلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش بۇيرۇقى بەرگەندىن كېيىن، سابىق خىتاي كوماندىرى ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇرۇش پارتلايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.