ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-11-27
ئامېرىكىدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ سەيشەنبە ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ب د ت نى بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
2013-11-27
سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ب-52 تىپلىق ئىككى دانە بومباردىمانچى ئايروپىلانى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز بوشلۇقىدىكى «ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونى» غا بىمالال ئۇچۇپ كىرگەن.
2013-11-27
جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى يىغىنى جەريانىدا د ئۇ ق ۋەكىللىرى بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىپ، بەزى دۆلەتلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىدى.
2013-11-27
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا، رۇسىيىدىن، تۈركىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
2013-11-27
ھازىر خەلقئارادا شەكىللەنگەن ۋەزىيەتكە، يېقىن شەرق مەملىكەتلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بىلەن بىر قاتاردا مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ئەھۋالنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
2013-11-27
قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە 24-نويابىر كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ بىۋاسىتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن رىسپوبلىكىلىق ئۇيغۇر يىگىت باشلىرى قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى.
2013-11-27
دۇنيادىكى دىنلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاققا چاقىرىشتا ۋە ھەر ئىشتا دۇرۇسلۇققا تەشەببۇس قىلىشتا بىردەكتۇر. چۈنكى مەيلى ھەق بولسۇن، مەيلى باتىل بولسۇن، ھەربىر مىللەتنىڭ دىنى شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى كۈچلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن.
2013-11-27
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ جازالاشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ بىر قىسىم ئەمەلدار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلانغان.
2013-11-27
خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتتە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
2013-11-27
ئىران پرېزىدېنتى روھانىي ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاشنى ھېچقاچان توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-11-27
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن كېلەر ھەپتىدە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تەرەپ بىلەن شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە رايونى مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
2013-11-27
بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوچۇقچىلىقتا كاۋاپ سېتىۋاتقان كاۋاپچىلارنىڭ سودىسىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ كاۋاپدانلىرىنى يىغىشتۇرۇشنى باشلىدى.
2013-11-26
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى يىغىنىدا خىتاي توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، كوپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوللىشى بىلەن 3 مىنۇتلۇق سۆز قىلىش ھوقۇقىدىن تولۇق پايدىلانغان.
2013-11-26
قەشقەردىكى 24 ياشلىق ستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى ئاينۇر خالىق مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، خالىس ھالدا، «ئانامنىڭ ئۆيى» مېڭە پارالىچ بالىلارنى داۋالاش سىنىپى ئېچىپ، بۇ خىل بەختسىز بالىلارنى داۋالىماقتا.
2013-11-26
روبېرت سامۇئېلسون «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «خىتاي تۆت كوچا ئېغىزىدا: ئىقتىسادىدىكى تېز سۈرئەتلىك ئۆسۈشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان خېيىم-خەتەر» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جىددىي تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.