ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-11-26
تۈركىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى كۇتۇپخانىلارغا تارقىتىلغاندىن باشقا، 15 ئەتراپىدا دۆلەتكىمۇ ئەۋەتىلىدىغان 5000 تىراژلىق «گۆكبايراق» ژۇرنىلى 113-سانىدىن باشلاپ ئىنگلىز تىلىدىمۇ نەشر قىلىنىشقا باشلاندى.
2013-11-26
ياپونىيەلىك ژۇرنالىست يوشىدا ئىچىرونىڭ «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غايىب بولغان 183 دۆلەت» ناملىق 711 بەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت ئەسىرى ياپونىيەدە نەشر قىلىندى.
2013-11-26
«ئۇيغۇر چۆچەكلىرى» ناملىق كىتاب، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مەرھۇم مالىك كەبىروف ۋە فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ماھىنۇر ئەلىيېۋا تەرىپىدىن توپلىنىپ، رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان يۈزدىن ئوشۇق چۆچەك، سەكسەنگە يېقىن لەتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2013-11-26
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاي باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر 26-نويابىر كۈنى جەنۋەدە ئېچىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنى قوغداش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.
2013-11-26
قانۇنسىز سولىنىپ، سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، پاسپورتى ۋە كىملىكى تارتىۋېلىنىپ، ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇتەللىپ ئىمىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئۈستىدىن بېيجىڭدىكى خىتاي ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ئەرز قىلدى.
2013-11-26
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئاچقان بىر يىغىندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى «بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بېرىشنىڭ ئىستىھكامى» قىلىدىغانلىقى جاكارلانغان.
2013-11-26
ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ئېلان قىلغان شەرقىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقى خەرىتىسى، ياپونىيە، ۋېيتنام،فىلىپپىن،ئاۋسترالىيە قاتارلىق خىتاي بىلەن دېڭىز ئارقىلىق چېگرالىنىدىغان دۆلەتلەرنى نارازى قىلدى.
2013-11-26
22-نويابىر جۈمە كۈنى چىڭداۋدا نېفىت تۇرۇبا يولى پارتلاپ 55 ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، نېفىت تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسىدە مەسئۇلىيىتى ئېغىر دەپ قارالغان يەتتە ئەمەلدار، 2 نەپەر تېخنىك خادىم خىزمىتىدىن توختىتىلىپ، تەكشۈرۈشكە يوللانغان.
2013-11-25
چەرچەن ناھىيىسىنىڭ تۇرا، كۆنچىبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى، ئاچچان يېزىسى، قوراملىق يېزىلىرىدا 2389 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان. رايوندىكى خەلق يەر تەۋرەش ئاپىتى بىلەن تەڭ يەنە قار ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن.
2013-11-25
1941-يىلى ئەھمەد كامال ئۇيغۇر ئېلىغا قايتا بېرىش ئۈچۈن تيەنجىنگە يېتىپ بارغاندا ياپونىيە تەرەپتىن قولغا ئېلىنىپ 1500 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن بىللە شەندۇڭدىكى ئۇرۇش ئەسىرلىرى لاگېرىغا قامىلىدۇ.
2013-11-25
جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىن بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 16-نۆۋەتلىك باشقۇرۇش ھەيئىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلدى.
2013-11-25
كانادادىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى كانادانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىمى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
2013-11-25
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈزۈلگەن شەرق دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە قوغداش رايون بەلۋېغى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىشى ياپونىيەنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى.
2013-11-25
ئالىملار ئەزەلدىن مىللەتنىڭ كۆزىنى ئاچىدىغان، ئۇلارنى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن بېيىتىدىغان باغۋەن بولۇپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر» دېگەن سۆزىمۇ بۇ سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولۇشى ئېھتىمال. ئەمما ئەپسۇسكى، ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆلىما دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى مۇنداق ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمايۋاتىدۇ.
2013-11-25
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىرىكىتى ھېسابلىنىدىغان تارىم نېفىتلىكى قۇرۇلۇپ، 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تارىم ۋادىسىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كىرىشكەن.