ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-11-23
سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن بىر قىسىم نادىر شېئىرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۈگۈنلۈك پروگراممىمىزغا مەرھەمەت قىلغايسىلەر!
2013-11-23
شىددەتلىك بومباردىماندا ھايات قالغان 18 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر ئافغان تاغلىرى ئىچىدە كېچىسى يول يۈرۈپ، كۈندۈزى تاغ غارلاردا يوشۇرۇنۇپ پاكىستان تەرەپكە سۈرۈلىدۇ. بىرقانچە كۈنلۈك ھايات - ماماتلىق سەپەردىن كېيىن ئۇلار ئاخىرى پاكىستان چېگراسى ئىچىدىكى كۇيتا شەھىرىگە يېقىن شىئەلەر رايونىغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇلارنى ئافغانىستاندىن كەلگەن «مۇجاھىدلار» دەپ ئويلاپ قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
2013-11-23
بىر كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ «ماتېرىياللار تەكشۈرۈش» بۆلۈمىگە بارسام، ئىشىكتىن بىرى قولىدا لېپاپ تۇتۇپ: - ئېلى يۈسۈپ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئىلتىماس يېزىپ ئەۋەتىپتۇ، دەپ خەتنى بەردى. مۇسا ئەيسا لېپاپىنى ئېلىپ ئۈستەل تارتمىسىغا سېلىپ قويدى.
2013-11-22
ياپونىيىدە تونۇلغان ئاتاغلىق خىتاي ئىشلىرى ئوبزورچىسى ماساھىرو مىيازاكىنىڭ ۋاكو نەشرىياتى تەرىپىدىن «جۇڭگولۇقلارنى چۈشىنەلمەيسىز، ئەگەر ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان جايىنى بىلمىسىڭىز» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان.
2013-11-22
ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى (ف ب ئى) نىڭ تەخمىنەن يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكى ئارخىپلىرىنى ۋاراقلىغاندا ئۇيغۇرلار ۋەتىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر سىرلىق شەخسنىڭ ئىسمى كۆزگە چېلىقىدۇ. ناھايىتى ئاز كىشىلەر بىلىدىغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئەھمەد كامال.
2013-11-22
18-نويابىر خىتايدا «ئەمكەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 21-نويابىر پەيشەنبە كۈنى خىتاي يۇقىرى سوتى يەنە ساقچىلارنىڭ جىنايەت گۇماندارىنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى.
2013-11-22
تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى دوكتور سىنان ئوغان ئەپەندى مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئىراندىكى تۈركلەرنىڭ لىدىرى مەھمەت ئەلى چەھرىگانلىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە قاچان رۇخسەت قىلىسلەر؟» دەپ سورىدى.
2013-11-22
يېقىندا، تونۇلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ «كوممۇنىستىك خىتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوسىياسىي تارىخى» ناملىق كىتابى ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان نەشرىياتىدا يورۇق كۆردى.
2013-11-22
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-11-22
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى 28 ۋە 29-نويابىر كۈنلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھىندىستان، ئافغانىستان، ئىران، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يىغىنغا كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر قاتارىدا تەكلىپ قىلىنغان.
2013-11-22
جۈمە كۈنى، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق چىڭداۋ شەھىرىدە يەر ئاستى نېفىت تۇرۇبىسى پارتلاپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 35 ئادەم ئۆلگەن، 166 ئادەم يارىلانغان.
2013-11-22
ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىسپانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوتىنىڭ خىتاي رەھبىرى جياڭ زېمىن قاتارلىق 6 خىتاي ئەمەلدارى ئۈستىدىن، تىبەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقىغا چىقارغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
2013-11-22
خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرى باشخۇا يولىدا جۈمە كۈنى ئۇيغۇر يايمىكەشلەر بىلەن خىتاي شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى ئارىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە بىر ئۇيغۇر ئايال يارىلانغان. ۋەقەدە ئۇيغۇر يايمىكەشلەر نەچچە يۈز يەرلىك خىتاي ئاممىسى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان.
2013-11-22
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي، ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكا قىسىملىرى 2014-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىنكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2013-11-21
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «مېڭە يۇيۇش» خاراكتېرلىك سىياسىي تەشۋىقاتلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.