ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-11-21
سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە، ساقچىخانىنىڭ ئىسكىلاتىدىكى زاپاس قورال ۋە ئوق رەسمىي ساقچىلارغا تولۇقلاپ تارقىتىپ بېرىلگەن، ئەمما ياردەمچى ساقچىلارغا قورال بېرىلمىگەن. خىتاينىڭ دۆلەت ساقچىلىرى ياردەمچى ساقچىلارنى قالقان سۈپىتىدە پايدىلىنىپ تۇرۇپ پىدائىيلارنى ئوققا تۇتقان.
2013-11-21
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋە پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
2013-11-21
1933-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى 1934-يىلى، 2-ئايغىچە، جەمئىي 6 ئايغا يېقىن ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، ئاخىرى ما جوڭيىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.
2013-11-21
19-نويابىر كۈنى باشلانغان «ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان تۈركولوگلار ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ تۈركولوگىيە ئىلمىدىكى ئورنىنىڭ يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
2013-11-21
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار 40-يىللىرى ئازادلىق ئۇرۇشىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن، 50-يىللاردا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ نەيرەڭلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئىتى قوغداش يولىدا ھاياتىنى پىدا قىلغان، خەلق يېتەكچىسى ئابدۇرېھىم ئەيسا تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
2013-11-21
ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ئارزۇگۈل خانىم 11-ئاينىڭ 17-كۈنى توكيودا «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى مەدەنىيىتى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات بەردى.
2013-11-21
يېقىندا «ئۇيغۇربىز» تورى تور ئارقىلىق ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ھەققىدە راي سىناش ئېلىپ بارغان. راي سىناشقا قاتناشقان 98.6 پىرسەنت بىلەت تاشلىغۇچى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئانا تىل يەسلىسى ۋە ئانا تىل مەكتىپى بولۇشى كېرەك» دەپ قارىغان.
2013-11-21
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى مۇتەللىپ ئىمىن «ئۇيغۇربىز تورى» دا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ساقچىلا ئۆزىگە پاراكەندىچىلىك سېلىشنى توختاتمىسا سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
2013-11-21
خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» غا قاراشلىق قىسىملىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە بىرلەشمە مانېۋىرىنى ئېلىپ بارغان.
2013-11-21
خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» خىتاينىڭ يېقىندا ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمىنى بىكار قىلغانلىقىنى قارشى ئېلىپ، ئەگەر بۇ ئىجرا قىلىنسا پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ كۈچىنى سۇيىئىستېمال قىلىشقا قارشى تۇرۇش يولىدىكى ئىلغار بىر قەدەم، دەپ كۆرسەتتى.
2013-11-21
ئاق ساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۇزان رايس پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كېلەر يىلى 4-ئايدا ئاسىيانى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-11-20
مەلۇم بولۇشىچە، 9 نەپەر پىدائىي سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشتىن بىر سائەت ئىلگىرى مارالبېشى ناھىيىلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى، ئۇلارنىڭ ئىككى نەپەر سەپدىشىنى ئالاغىر يېزىسى ۋە سېرىقبۇيىنىڭ 17-كەنتىدىن تۇتقۇن قىلغان.
2013-11-20
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى 20-نويابىر، د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى نامىدىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى 16-نويابىر يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى «قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەيمىز» دەپ جاكارلىدى.
2013-11-20
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە تاشقى كۈچ ئىكەنلىكى، بىراق خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەسىرى داۋاملىق زورىيىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئەھۋال، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ئوبيېكتى ۋە تەسىرىگە مۇقەررەر دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2013-11-20
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ھەر يىلى چاقىرىلىدىغان ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە رەسمىي باشلاندى. يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە ئوقۇپ ئۆتتى.