ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-04-30
مەركىزى ئىئوردانىيىدىكى خان جەمەتى ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم باھالاپ ئېلان قىلىنىدىغان «خەلقئارادا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 500مۇسۇلمان» ژۇرنىلىنىڭ 2012 - سانىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، 2006 - يىلىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى ۋە يەنە رافتو مۇكاپاتى ساھىبى رابىيە قادىر خانىم مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى.
2013-04-30
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقى ۋە خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى مارالبېشىدا يۈز بەرگەن 23 - ئاپرىل سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە يەنە بىر قاتار مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى.
2013-04-30
بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. خىتاي بۇ يىلمۇ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى گۇرۇپپىلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان دىنى بېسىم سىياسىتى تەنقىد قىلىندى.
2013-04-30
بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەمەتجان ئەلى ياتىقىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى. بۇ ۋەقە 23 - ئاپرېلدىكى مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسىدىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەردى.
2013-04-30
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ 1950 - يىللاردىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدە گەرچە خېلى زور كۆلەمدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان، مىللىي يازغۇچى - شائىرلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كوممۇنىستىك قىزىل رېجىمنىڭ بېسىمى تۈپەيلى سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ ۋاستىسى بولۇشتەك رېئاللىقتىنمۇ خالىي بولالمىدى.
2013-04-30
23 - ئاپرىل كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە 12 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، كۆپ ساندا كىشىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
2013-04-30
ياپونىيىدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان«ئاساھى شىنبۇن» گېزىتىنىڭ 30 - ئاپرېلدىكى سانىدا «ئىنوسې ئىسلام دۆلەتلىرىدە ھەمىشە ئۆز - ئارا ئۇرۇش، جېدەل بولۇپ تۇرىدۇ - دەپ ئويلايدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىنغان:
2013-04-30
23 - ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغاندىن باشقا ئۆي ۋە قول تېلېفونلىرىغا قارىتىلغان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى. تېلېفونلارغا بولغان كونتروللۇق ھەققىدە رەسمىي ئۇقتۇرۇشمۇ چىقىرىلغان.
2013-04-30
ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 3 - دىۋىزىيىسىگە قاراشلىق تۇمشۇق شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەرنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى نامىدا ئەتراپتىكى دېھقانلارنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈشكە زورلىغان. ئۆي چېقىشقا نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى تۇتقۇن قىلغان.
2013-04-30
يېقىندا غۇلجا شەھىرىدىكى بىرقىسىم مەكتەپلەردە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈمە كۈنىدىكى چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى بىر سائەت قىسقارتىلغان. «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەكتەپ دائىرىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈمە كۈنى چۈشتىكى نامازغا بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چۈشتىن كېيىنكى دەرس باشلىنىش ۋاقتىنى سائەت 12:30 غا ئىلگىرى سۈرگەن.
2013-04-30
رۇسىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 29 - ئاپرېل كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۆت ئارال مەسىلىسى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
2013-04-30
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى 30 - ئاپرېل كۈنى خىتايدا H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ 127 نەپەرگە، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەنلەرنىڭ24 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2013-04-29
خىتاينىڭ مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى خەلقئارا جامائەتچىلىكتە گۇمان پەيدا قىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرى نەق مەيداندىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ باققان.
2013-04-29
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئاخباراتقا، - 23ئاپرىل سېرىقبۇيا ۋەقەسىنى ئېنىقلاشتا ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ،«23 - ئاپرىل سېرىقبويا ۋەقەسىنى تۇغدۇرغان زوراۋانلىق تېررورلۇق گۇرۇھ ئەزالىرىدىن 25 كىشىنى قولغا چۈشۈردۇق» دېدى ۋە ۋەقەنى چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ پىلانلىشىدىكى«زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتىدى.
2013-04-29
ئوتتۇرا ئاسىيادا سۇ مەسىلىلىرى بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشمەكتە. نۆۋەتتە سىر ۋە ئامۇ دەريالىرىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئارىسىدىكى مۇھىم ئىختىلاپلىق نۇقتىغا ئايلانماقتا.