ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-04-19
ياخۇ گۇرۇھىنىڭ خىتايدىكى شىركىتى پەيشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،2013-يىلى 19-ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتايدىكى مۇلازىمىتى توختايدىغانلىقىنى، ياخۇ ئابۇنىتلىرىنىڭ ئېلخەت يوللانمىلىرىنى «ئالىبابا» تورىغا يۆتكىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.
2013-04-19
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-04-18
تور بېكەتلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلار ۋە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا قىلغان ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت خىتاي بازىرىنى رەتلەشنى باھانە قىلىپ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرغان.
2013-04-18
15-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىدا بىر خىتاي شىركىتىنىڭ شايكىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ئېلى قۇددۇس، ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككىنچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ئىدى.
2013-04-18
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 18-ئاپرېل پارىژغا يېتىپ بېرىپ، 20-ئاپرېلدىن 24-ئاپرېلغىچە فرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئېچىلىدىغان 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.
2013-04-18
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بورتالا ئوبلاستى ئارىشاڭ ناھىيىسىگە قاراشلىق ئادۇنچۇلۇق دېگەن يەردىن تېپىلغان قەدىمكى تاش قەبرىستانلىقنى 2012-يىلى بايقالغان ئون چوڭ ئارخىلوگىيىلىك بايقاشنىڭ بىرى، دەپ باھالىغان.
2013-04-18
گوللاندىيىدە يۈز بەرگەن ئىككى تەرجىماننىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇش، ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئۇچۇر توپلاش گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان شەخسلەر ۋە توپلۇملارنىڭ بۈگۈنكى قىزىق نۇقتىلىرىغا ئايلاندى.
2013-04-18
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا كانادادىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە ھېسابلانغان NDP يەنى يېڭى دېموكراتىك پارتىيىنىڭ باشلىقى توم مۇلگىئېر ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك مەلۇمات ئالغان.
2013-04-18
شىبە تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن، مىڭ تەسلىكتە خىتاي ۋىزىسىنى ئېلىپ ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارغان ئالتايشۇناس ياش مەمەت لەۋەنت قايا ئەپەندى، شىبە تىلى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغاندىن سىرت، غۇلجىدا بىرمۇ شىبەنىڭ يۈزىنى كۆرەلمەي قايتىپ كەلگەن.
2013-04-18
خىتاينىڭ تايلاندتىكى باش ئەلچىسى نىڭ فۇكۇي يېقىندا تايلاند ئاخباراتىغا مەلۇمات بېرىپ، خىتايدىن قېچىپ چىققان 200 دىن ئارتۇق مۇساپىرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكى، يۇرتتىكى ئادرېسى، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرلارنى ئېنىقلاپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-04-18
ياپونىيە دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان سېنكاكۇ ئاراللىرىنى نازارەت قىلىدىغان كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياپونىيىنى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى.
2013-04-18
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توكىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزىدىغان فېڭخۇاڭ-شىخۇ-غۇلجا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكچى.
2013-04-18
كانادا خەلقئارالىق تەرەققىيات تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى خىتايغا بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ توختىتىلىشىدا ئاساسلىق خىتاينىڭ دۇنيادا 2-چوڭ ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلانغانلىقى، ئەمدى بۇنداق بىر ياردەمگە ئېھتىياجى يوقلۇقى سەۋەب بولغان.
2013-04-18
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2012-يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 753 مىليارد سومدىن ئاشقانلىقىنى، ئۆلكىلەر بويىچە رەتكە تىزغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلگىرىكى 29-ئورۇندىن 11-ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-04-18
بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بوستون شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ15-ئاپرېل كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشتى.