ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-04-17
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ پروگراممىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ فرانسىيە پايتەختى پارىژغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
2013-04-17
ئېلى قۇددۇس قېينىنىسى بىلەن، بىر يېرىم يىل بۇرۇن ئۆيىنى چېقىۋەتكەن خىتاي شىركىتى مەسئۇلى بىلەن تۆلەم مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىشىپ تۇرغاندا، قوللىرىغا كالتەك، چوماق ئالغان بىر گۇرۇپپا خىتاي ئىشخانىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ ئىككىسىنى ئۇرۇپ باش-كۆزلىرىنى يېرىۋەتكەن.
2013-04-17
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادى نوپوزى تېز يۈكسىلىشكە باشلىغان. ئۇ، سودا ھەجمى كېڭىيىپ، رايوننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا ئاساسى ئەسلىھەلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالغان.
2013-04-17
يېقىندا خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى شاھزادىلىرىدىن بىرىنىڭ ئۆلۈمىگە ئاتاپ تىكلەنگەن ئىككى خىل يېزىقتىكى قەبرە تېشى قېزىۋېلىنغان. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ شىنخۋا تورى ۋە جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 12-ئاپرېلدىن باشلاپ بەس-بەستە خەۋەر بېرىشكە باشلىغان.
2013-04-17
مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن شەھىرىدىكى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان 42 ئۆينىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش سۇغۇرتىسى يوق بولۇپ، ئۆيلىرى كۆيۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
2013-04-17
ئۇيغۇر دىيارىدىن شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىنىڭ بىرى ئىستانبۇلدا «بۆرىلەر ۋادىسى» ناملىق چاتما فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى پولات ئەلەمدار، يەنى نىجاتى شاشماز بىلەن كۆرۈشۈپ خاتىرە رەسىمىگە چۈشۈش ئىكەن.
2013-04-17
يېقىندا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىمۇف كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىردقا خەت يېزىپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار مەسىلىسى ھەققىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
2013-04-17
بۈگۈن خىتايدا پەيدا بولغان قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن يەنە ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خىتايدا H7N9 دىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 16 گە يەتتى. خىتاي دائىرىلىرى يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئۆرلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
2013-04-17
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى سىياسىتى قوللانمىسى» نى تۈزۈپ چىققان.
2013-04-17
خىتاي دائىرىلىرى تۈنۈگۈن، 2013-يىلى بىرىنچى پەسىللىك مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 7.7% ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. رەقەم كۈتۈلگەننىڭ ئەكسىچە، ئالدىنقى پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا 0.2% چۈشكەنلىكتىن، يەر شارى پاي بازىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك چۈشكەن.
2013-04-17
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا 18-قۇرۇلتاي ئېچىلغاندىن بۇيان ئاخباراتقا قارىتىلغان قامالنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-04-17
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2013-يىلى بىرىنچى پەسىلدە شەھەر، بازارلاردا خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 127 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىن ئۆرلىگەن ۋە نەتىجىدە، بىر يىل ئىچىدە 400 مىڭ كىشىنى شەھەر، بازاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ 32 پىرسەنتكە يېقىنى ئەمەلگە ئېىشىپ بولغان.
2013-04-16
خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىسمىنى ئوچۇق تىلغا ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇرۇشىنى تەنقىد قىلغان ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2013-04-16
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيىسىدىكى يېزىلاردا، دائىرىلەر دېھقانلارنى يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلاپ، يەرلىك پارىخور ئەمەلدارلار دېھقاننىڭ قولىدىن ئەرزان باھاغا سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇستىدىن پايدا ئېلىپ خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلارغا سېتىپ، زور پايدا كۆرۈۋاتقان ئىكەن.
2013-04-16
ئاشكارىلىنىشىچە، پىچاندا يۈز بەرگەن 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ 52 ياشلىق خىتاي كۈچمەن تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدە، دائىرىلەر جەسەتنى ئەسلى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، يەنى ۋەقەنىڭ ئېچىنىشلىق جەريانىنى يوشۇرغان ھالەتتە ئۆلگۈچى ئائىلىسىگە تاپشۇرغان.