ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-04-16
6-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى» فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 دۆلەتتىن 120 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئايال قاتنىشىدىكەن.
2013-04-16
6-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇردى.
2013-04-16
ياپونىيىلىك جەمئىيەتشۇناسلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان خەلق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئەمەلىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئاشكارىلىغان.
2013-04-16
كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتقانلىقى بايقالماقتا. ئۆز نۆۋىتىدە خىتايمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىگە چوڭ ئەھمىيەت بەرمەكتە.
2013-04-16
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەنزىرىلىك رايونلىرىغا كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ زىيادە كۆپلۈكى سەۋەبىدىن رايوندىكى تاغ، يايلاقلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.
2013-04-16
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئىلگىرى ئاتوم سىناقلىرىغا ۋە خىتاي، ۋيېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر 15-ئاپرېل كۈنى ئۆلكىلىك پارتكوم بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن ئۇلارغا بېرىش ۋەدە قىلىنغان تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
2013-04-16
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 16-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا بايانات بېرىپ، دۈشەنبە كۈنى بوستوندىكى مارافون مۇسابىقىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئەيىبلىدى. ئوباما يەنە 16-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا بايرىقىنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، پارتلاشتا ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ماتەم تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-04-16
رويتېرس قاتارلىق غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ۋاقتى 15-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى پاكىستانغا يېقىن چېگراسىدىكى كاش شەھىرىدە 7.8 بال يەر تەۋرىگەن.
2013-04-16
سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 16-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى سىچۈەننىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان ناڭتاڭ ناھىيىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن 20 ياشلىق بىر تىبەتلىك ئايال ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان.
2013-04-15
خىتاي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى خوتەن شەھىرى ئۇيغۇرلار ئولتۇراق رايونىدا كۆرۈلگەن ئوت ئاپىتىنى ۋاقتىدا تىزگىنلىمىگەن ياكى ئاپەتكە جىددىي مۇئامىلە قىلمىغان. نەتىجىدە 42 ئۇيغۇرنىڭ ئۆي-بىساتى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكەن.
2013-04-15
4-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ سائەت 8:20 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن شەھىرى شىمالىي بېكەت يېنىدىكى بىر ئائىلە سايمانلىرى بازىرىغا ئوت كەتكەن. ئوت قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئەتراپتىكى ئالتە قەۋەتلىك بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىغا تۇتۇشۇپ، بىنانى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان.
2013-04-15
پىچاندا يۈز بەرگەن، 7-ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ 52 ياشلىق خىتاي كۆچمەن تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ۋە ۋەقەنىڭ جىمىقتۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
2013-04-15
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى2012-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە دوكلاتىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە تۈزىتىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلە بارلىقىنى، قاتتىق قول سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي جىددىيلىكنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-04-15
1933-يىلى، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى يىقىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شېڭ شىسەي تىكلەنگەندىن كېيىن، تاكى 1944-يىلىغىچە بولغان 11 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تارىخىدا شېڭ شىسەي ھۆكۈم سۈردى.
2013-04-15
تۈركىيە يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەلدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ھەتتا باش مىنىستىرلىق ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەت باشقارمىسى نامىدا ئىدارە قۇرۇپ، مەخسۇس بۇ خىزمەتنى قىلماقتا.