ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-04-15
گوللاندىيە ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تۈرلۈك زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى شۇڭا سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ھەرگىز قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
2013-04-15
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان ئۈرۈمچىدە بارغانچە ئېغىرلاشقان قاتناش قىستاڭچىلىقى شەھەر ئاھالىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
2013-04-15
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش ئورۇنلىرىغا خېنەن قاتارلىق جايلاردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قايتا تەربىيىلىنىش نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىشى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىغان.
2013-04-15
15-ئاپرېلغىچە بولغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل خىتايدا تارقالغان H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 15-ئاپرېل كۈنى 63 نەپەرگە يېتىپ،14كىشى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.
2013-04-15
رادىئويىمىزنىڭ گېرمانىيىدىكى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 12-ئاپرېلدىن 14-ئاپرېلغىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، خىتايدىكى خەۋەر كونتروللۇقى ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى سېتىش قىلمىشى تەنقىد قىلىنغان.
2013-04-15
يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆلۈمىنىڭ 24 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان ماقالىلەر كۆپەيدى. بۇ ئەھۋال خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2013-04-14
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسىنىڭ 14 - ئاپرىلدىكى قىسمىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي - سىياسىي جاسۇسى نائۇم ئەيتىنگوننىڭ پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆرسەتكەن تەسىرى، ياپونىيىدىكى قەدىمىي مىللەت ئاينۇلار ھەققىدە ئۇچۇرلار، 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن «تۈركىستان ئەدەبىياتى» ھەققىدىكى مەلۇماتلار ھەم تۈرك تىلشۇناسى سائادەت چاغاتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى تارىخى تەتقىقاتلىرى ۋە باشقا مەزمۇنلار.
2013-04-14
شاڭخەي شەھىرىدە H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بايقالغاندىن كېيىن، بۇ كېسەل تېز سۈرەتتە تارقالغان بولۇپ، خىتاي سەھىيە تارماقلىرى 14 - ئاپرېلغا كەلگەندە مەزكۇر زۇكام بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ جاڭسۇ، جېجياڭ ۋە خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-04-14
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى شەنبە كۈنى خىتاي سەپىرى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر لى كېچاڭ، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى ئەزاسى ياڭ جېچى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى، جۈملىدىن كورىيە يېرىم ئارىلى كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
2013-04-14
جون كېررى بېيجىڭ سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، 14 - ئاپرىل كۈنى ياپونىيىگە يېتىپ كەلدى.
2013-04-14
ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ 15 - ئاپرىل كۈنى موسكۋاغا رەسمىي زىيارەت بىلەن ئاتلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
2013-04-13
بۇ ھەپتە سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن تۈركىيەلىك ئاخباراتچى ۋە ژۇرنالىست ئەھمەت فارۇق ئۈنسال يازغان: «مەنئىي دۆلەت شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ماقالىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۈگۈنلۈك پروگراممىمىزغا مەرھەمەت قىلغايسىلەر!
2013-04-13
بۇندىن ئىككى كۈن بۇرۇن گۇڭشېنىڭ چوڭ زالىدا رەشىدەنىڭ بوينىغا ئاتنىڭ يەم خالتىسىغا تاش سېلىپ ئىنچىكە سىم بىلەن ئېسىپ قويۇپ، ئۇنى ئىككى كېچە قىيناپ كۈرەش قىپتۇ. رەشىدە بىچارە نېمە دېيەلىسۇن! «مېنىڭ كۆڭلۈمدە ھېچنەرسە يوق، خاتالىقتىن ئېغىزىمدىن چىقىپ كەتتى» دېگەندىن باشقا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالىغۇدەك سۆز قىلالماپتۇ.
2013-04-13
1985 - يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىم سىياسەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشىدىن كېيىن، يېڭىچە ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا مىللىي روھ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، دولقۇن ئەيسا باشلىق بىر قاتار ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇيۇشما قۇرۇش، شۇ ئارقىلىق كەڭ ستۇدېنتلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ھەمدە پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش شۇارىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
2013-04-13
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە دىنىي زاتلار بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقادى ۋە دىنىي تەربىيىسى كۈچلۈك ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى تىزىملاش ئىشلىرىنى كۈچەيتكەن.