ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-04-11
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، يەتتە ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ خىتاي كۆچمەن تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ ھىمايىسىگە ئىشەنگەن ھالدا سادىر قىلغان ۋەھشىي قاتىللىق ۋەقە، دەپ ئەيىبلىدى.
2013-04-11
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جون كەرىينى خىتاي زىيارىتىدە خىتاي يېڭى رەھبەرلىرىگە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش توغرىلىق كۈچلۈك سىنگال بېرىشكە چاقىردى.
2013-04-11
د ئۇ ق تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئەمىنە ئۈلكەر تارقان خانىملار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2013-04-11
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك كۈچ سىنىشىش، نېفىت، تەبىئىي گاز ھەمدە قىممەتلىك كان بايلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياج قار-مۇزلار بىلەن قاپلانغان گرېنلاندىيە ئارىلىنى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا سۆرەپ ماڭماقتا ئىكەن.
2013-04-11
يېقىندا ياپونىيىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە توختالغان ياپونىيىلىك تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مائارىپ سېپىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى سەۋەبىدىن دۇچ كېلىدىغان كەلگۈسى پاجىئەسى توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2013-04-11
يېقىندا ئالماتا شەھىرىدە شەرقشۇناس ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مەرھۇم ئەكرەم ئەنۋەروفنىڭ «ئىنگلىز ۋە ھىند ساياھەتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆگىنىش تارىخى (1812-1900)» ناملىق ئەمگىكى يورۇققا چىقتى.
2013-04-11
تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ شۋېتسىيە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.
2013-04-11
خىتاي ئۆلكىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى نامى ئاستىدا كۆچمەن يۆتكەشنى داۋام قىلماقتا.
2013-04-11
خىتايدا قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەن كىشىنىڭ سانى 10 غا يەتتى. ھازىرچە قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئۆلگەنلەر ھەممىسى خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىدا بايقالغان بولسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سەھىيە ئورگانلىرى مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ھەم شۇنداقلا باشقا ئەللەرگە يامراپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
2013-04-11
ئامېرىكا بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرىنى ئەما كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى چېن گۇاڭچىڭنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قوپال مۇئامىلە قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
2013-04-11
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىتلىكلەردە ئېلىپ بېرىلغان بۇرغىلاپ چارلاش نەتىجىسىدە، يەنە نۇرغۇن نېفىت زاپىسى بايقالغان.
2013-04-11
شىمالىي كورىيە پەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيىگە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش تەھدىتى قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-04-10
پىچاندا مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى يۈز بەرگەن 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ 52 ياشلىق خىتاي خۇمدان ئىشچىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆلگۈچى ئەنقەرجان ئارىز ئائىلىسىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرى خۇمدان ئەتراپىدىكى خىتايلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلغان.
2013-04-10
تەكلىماكاننىڭ ئەڭ چېتىگە جايلاشقان، ھەر تەرەپتىكى تەرەققىياتى بىر قەدەر ئاستا بولۇۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەخلاقى چىڭ ساقلىنىپ كېلىۋاتقان يۇرتلاردىن خوتەنمۇ يېقىنقى يىللاردا ئەيدىز ۋەزىيىتى بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان يۇرتلار قاتارىغا ئۆتتى.
2013-04-10
خىتاي ساقچىلىرى ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت، خوتەن شەھەر لاسكۇي يېزا ئاقتاش كەنتىدىكى 70-80 ئۆيلۈك دېھقاننىڭ 600 مو تېرىلغۇ يېرىنى مەجبۇرى تارتىۋالغان.