ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-04-02
خىتاينىڭ سۇجۇ شەھىرىدە يېقىندا گوللاندىيىنىڭ Hero يەنى قەھرىمان ماركىلىق سۈت پاراشوكىنىڭ ساختىسى بايقالغان.
2013-04-02
1996-يىلى بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 17 يىللىق كېسىلگەن تىبەت Jigme Gyatso يېقىندا يەنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن.
2013-04-01
ئوت كېتىپ كۈلگە ئايلانغان تۇرپان شەھەر مەركىزىدىكى «يېڭى تەرەققىيات سودا بازىرى» دا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجارە ئېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان دۇكاندارلارنىڭ ئاز دېگەندە 70% نى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيتتى.
2013-04-01
يېڭى ئەۋلاد خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ۋەكىلى شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىدىن كېيىنكى خىتاينىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىم ھېسابلىنىدىغان سىياسىي ئىسلاھات مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خىتاي خەلقى يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان نۇقتىلاردۇر.
2013-04-01
شۋېتسىيىنى ئاساس قىلغان سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان جامائەتچىلىكىنىڭ ھەر يىللىق چوڭ يىغىلىشىدا ئۇيغۇرلار ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
2013-04-01
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2013-يىللىق نورۇز پائالىيىتى ئىستىقلال مارشى ئورۇنلاش ۋە دىنىي زاتلارغا تون كىيدۈرۈش قاتارلىق شەكىللەردە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
2013-04-01
30-مارت شەنبە كۈنى گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلار «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە جەم بولۇپ، بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلىدى ۋە جاسۇسلۇق گۇماندارلىرى شۇنداقلا جاسۇسلۇقنىڭ قۇرئاندىكى ھۆكۈمى قاتارلىقلار ئۈستىدە توختالدى.
2013-04-01
31-مارت كۈنى قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك خەلق ئانسامبېلىيىسى زالىدا قىرغىزىستان دۆلەتلىك رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تەڭرىتاغ ساداسى ناملىق ئۇيغۇرچە رادىئو ئاڭلىتىش بۆلۈمى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
2013-04-01
توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى يىغىلىش ۋە نامايىش پائالىيىتىگە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت قاتنىشىپ، سۆز قىلغان.
2013-04-01
بىرمادا دېموكرات ئىسلاھات باشلانغاندىن بۇيان، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئاخبارات چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
2013-04-01
خىتاي سەھىيە تارماقلىرى ئالدىنقى كۈنى، شاڭخەيدە ھ7ن9 ناملىق يېڭى تىپتىكى قۇش زۇكىمىنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇ خىل زۇكام سەۋەبىدىن شاڭخەيدە ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ بىرىنىڭ ئائىلىسىدە ئىككى بالىسىدىمۇ ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
2013-04-01
شىئەن شەھىرىنىڭ چاڭئەن رايونى گۇاڭدۇڭ كەنتىدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن كەنت باشلىقى سايلىمىدا، ھۆكۈم تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن نامزات ئۈستىدىن خەلق كۆرسەتكەن نامزات غەلىبە قىلغان.
2013-04-01
ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىكى چوڭ يوللاردىن بىرى بولغان مائارىپ يولىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئاپتوبۇسىغا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەلىرى بىرقانچە قېتىم يۈز بەرگەن.