ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-04-23
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 23 ياشلىق نۇرمەمەت ئىسمايىل ھېيتكا مەسچىتى ئالدىدىكى دۇكىنىدا قۇرئان ساتقانلىقى ئۈچۈن،2013 - يىلى 1 - مارت كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ 50 كۈندىن ئاشقان بولسىمۇ قويۇپ بېرىلمىگەن.
2013-04-23
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 22 - ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاقسۇ شەھىرىدىكى خالىدە ۋە زۇلپىيە ئىسىملىك ئاچا - سىڭىل دادىسىدىن مىراس قالغان تۇرالغۇ ئۆيى خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي چېقىۋېتىلىش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكىنى ئۈچۈن، ئۆي چېقىشقا مەسئۇل بولغان خىتاي باشلىقنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان.
2013-04-23
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى 23 - ئاپرىل كۈنى ئەتىگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نارازىلىق خېتى يوللاپ، 23 - ئاپرېل سەھەردە سېنكاكو ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن سەككىز دانە خىتاي پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.
2013-04-23
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ۋە ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سىچۈەننىڭ تىبەتلەر ۋە خىتايلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان يائەن شەھىرىدە 20 - ئاپرېل يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن، شۇ جاي ۋاقتى 23 - ئاپرىل سەيشەنبە كۈنى كېچىگىچە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالە 40 مىڭدىن ئاشقان.
2013-04-23
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، 23 - ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى خېنەندىكى قان بېرىش سەۋەبىدىن يۇقۇملانغان ئەيدىز بىمارلىرىدىن 150 تىن ئارتۇق كىشى، خېنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەتتىن ئۇلارنىڭ داۋالاش چىقىمىنى ۋە ئەينى چاغدا ۋەدە قىلىنغان تۆلەم پۇلنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان.
2013-04-23
ھىندىستان - خىتاي چېگرا ئىختىلاپى 1962 - يىلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئارۇناچال - پاراداش شتاتى ۋە كەشمىرنىڭ ئاقسايچىن رايونى ھىندىستان - خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى.
2013-04-23
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قوللىنىلىۋاتقان «قوش تىل مائارىپ سىياسىتى» نامىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى سۈرئەت بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۈچ چىقارماقتا.
2013-04-23
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، پىچاندىكى خىتاي دائىرىلىرى 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنى چاناپ ئۆلتۈرگەن خىتاي قاتىل گۇماندارىنى، روھىي كېسەلگە چىقىرىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغاندىن بۇيان، پىچاندىكى يەرلىك خەلق نۆۋەتتە بۇ تەشۋىقاتقا سۈكۈت بىلەن بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا.
2013-04-23
پارىژدا چاقىرىلغان 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى يىغىنى 22 - ئاپرېل يېپىلدى. يىغىن يېپىلغان شۇ كۈنى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يىغىنغا قاتناشقان ئاياللارنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2013-04-23
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈش نىسپىتىنىڭ يالغۇز خىتاي بويىچىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى.
2013-04-23
ياپونىيىدە چىقىدىغان «ئاساھى شىنبۇن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 21 - كۈنى يەنى توكيودىكى ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار قەبرىستانلىقىدا ھەر يىلى باھار پەسىلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شىنتو دىنىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك دىنىي بايرىمىنىڭ بىرىنچى كۈنى، ياپونىيە مىنىستىرلىرىدىن مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، ئىقتىساد مىنىستىرى ئاسو تارو، شىمالىي كورىيەگە مەجبۇرىي تۇتۇپ كېتىلگەن ياپونلار مەسىلىسىگە مەسئۇل مىنىستىر كېئىجى فۇرۇيا، خەلقئارا مۇناسىۋەت،ئالاقە مىنىستىرى يوشىتاكا شىندو ۋە ئىچكى كابىنېتنىڭ مۇئاۋىن سىكرېتارى كاتسۇنوبۇ كاتو قاتارلىقلار ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغان.
2013-04-23
گوللاندىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى «ئاندوروفان» ئىسىملىك بىر شەخس مۇندىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلەپ ھەجۋىي فىلىم ئىشلىگەن، ئاندىن يەنە شۇنداق بىر فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن دىنىي ماتېرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا 3 ئاي بۇرۇن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2013-04-22
ئالدىنقى كۈنى سچۈەننىڭ يائەن دېگەن جايىدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خوڭكوڭ رايون باشلىقى پارلامېنت مالىيە كومىتېتىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ئۈچۈن 79مىليون، 610 مىڭ سوم ياردەم پۇلى ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئاۋمېن ھۆكۈمىتىمۇ مەزكۇر ئاپەت رايونىغا 77مىليون 300 مىڭ سوم ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2013-04-22
يېڭى زېلاندىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يېڭى زېلاندىيەنىڭ كىرىسچارچ شەھىرىدىن كەلگەن، بىر تۈركۈم رادىكال مىللەتچىلەر، ئاۋكلان شەھىرىدە ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خەۋپ - خەتەرلىرى ھەققىدە تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر قىسىم تەييارلىق پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.
2013-04-22
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرغاندا، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك ۋەزىيىتىنى رەت قىلالمىغان. ئۇ سۆزىدە «دۇنيادا ھېچ بىر دۆلەتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى مۇكەممەل ئەمەس» دېيىش ئارقىلىق، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك ۋەزىيىتىنى ۋاستىلىك ئېتىراپ قىلغان.