ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-04-22
مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ چاقىرغۇ سېستىمىسى خىتايچە بولۇپ، بىمارلارنى چاقىرىش، ۋاقىت جەدۋىلىنى ئۇقتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر خىتايچە سۆزلىنىدىغان ۋە خىتايچە يېزىلىدىغان بولغاچقا، بۇ دوختۇرخانىدىكى موتلەق كۆپ ساندىكى بىمارلارغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن.
2013-04-22
بۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سىچۈەن يائەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازاغا ئۇچرىغانلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ ھال سوراش خېتى ئېلان قىلغان. تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھال سوراش خېتىدە مەزكۇر ئاپەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا 5 مىليون ياردەم قىلىدىغانلىقى بايان قىلغان.
2013-04-22
ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلار تىل بىرىكتۈرۈپ دېھقانلارنىڭ يەر زېمىنلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش، مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىشقا دائىر يەر - زېمىن دەۋالىرى كۆپەيمەكتە.
2013-04-22
فرانسيەدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى «قانداق قىلىپ خەلقىمىزگە ياردەم بېرەلەيمىز» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېچىلغان ۋە نەتىجىلىك تاماملانغان.
2013-04-22
سوۋېت ئىتتىپاقى 1933 - يىلى، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۈرۈمچىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى يىقىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تىكلەنگەندىن كېيىن، تاكى 1943 - يىلىغىچە بولغان 11 يىل جەريانىدا شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنى قوللىدى.
2013-04-22
بۇ يىل غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت خىتاي بازىرىنى رەتلەش نامىدا، بازاردىكى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرغان. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغاپ، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە نارازىلىق ئىنكاسلىرى يېزىلغان ئىدى.
2013-04-22
تەيۋەننىڭ چېن شۈيبيەن دەۋرىدىكى سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سەي مىڭشىيەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تەيۋەننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، دېدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ئەركىنلىك ۋە ياكى مۇستەقىللىققا بالدۇرراق ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-04-22
شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۋېتسىيە ساقچى مەھكىمىسى ستوكھولمدىكى فىتىيا رايونىغا جايلاشقان تۈرك مەسچىتىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ھەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنىڭ ئەزان ئاۋازىنى سىرتقا قويۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلغان.
2013-04-22
4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جۈمە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە «تەڭرىتاغ ئانىلار گورۇپپىسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خانىم - قىزلار مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۈتكۈزۈلدى.
2013-04-21
«ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى» مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدىكى نۋېتەل مېھمانخانىسىدا باشلىنىپ، 21 - ئاپرىل كۈنى ئىككىنچى كۈنلۈك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى.
2013-04-21
بۈگۈنكى پروگراممىلارنىڭ مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: تۈركىيىدىكى خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنلىرى، ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىسلام قانۇنى ھۆججەتلىرى تەتقىقاتى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ۋە 1986 - يىلىدىكى چېرنوبىل يادرو ئاپىتى مەسىلىسى ۋە باشقىلار.
2013-04-21
«ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى» مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدىكى نۋېتەل مېھمانخانىسىدا ئېچىلىشقا باشلاپ، 21 - ئاپرىل كۈنى يىغىن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.
2013-04-21
سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ يائەن شەھىرىنىڭ لۇشەن ناھىيىسىدە 20 - ئاپرىل كۈنى 7 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن،21 - ئاپرىل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-04-21
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى 21 - ئاپرىل كۈنى « 2012 - يىللىق ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى» دەپ ئاتالغان مەخسۇس دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلغان.
2013-04-20
بۇ ھەپتە سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن تۈركىيەلىك ئاخباراتچى ۋە ژۇرنالىست ئەھمەت فارۇق ئۈنسال يازغان: «مەنئىي دۆلەت شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ماقالىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۈگۈنلۈك پروگراممىمىزغا مەرھەمەت قىلغايسىلەر!