ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-05-17
ئارقىسى ئۈزۈلمەيۋاتقان قوراللىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بېسىقتۇرۇپ بولالمايۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى جەڭنىمۇ بىر بالداق كەسكىنلەشتۈردى.
2013-05-17
ياپونىيە كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭكېنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» ناملىق كىتابى 2013 - يىلى شياڭگاڭ خىتاي تىل ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
2013-05-17
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مۇرەككەپ ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق سىياسىي مۇناسىۋەتلەر ھېلىھەم تارىخشۇناسلىقتىكى بىر قىيىن تېما بولۇپ تۇرماقتا.
2013-05-17
17 - ماي نورۋېگىيەنىڭ دۆلەت بايرىم كۈنى بولۇپ، يەرلىك نورۋېگلارلا ئەمەس، بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرىمۇ بۇ بايرامنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالىدۇ.
2013-05-17
4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىسلام دىنىدىكى مۇبارەك ئۈچ ئاينىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ دۇئىسبۇرگ شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئېنفورماتسيون مەركىزىدە سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇتۇلدى.
2013-05-17
قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار يېقىندا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئاتاقلىق كومپوزىتور، دوكتور ئابدۇلئەزىز ھاشىموف ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزگەن.
2013-05-17
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئېلىدە 96% «تېررورلۇق» پىلانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن بۇرۇن يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2013-05-17
خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە دۆلەت كابىنېتى 16-ماي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق باش ئەترىتىنىڭ قوماندانىنى ئالماشتۇرۇپ، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك قوراللىق ساقچى باش ئەترىتىنىڭ قوماندانى گۇ لوچىننى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىغا يۆتكەپ كەلگەن.
2013-05-17
تارىم ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلى 14-ماي ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پرېستون برەدلېي زالىدا ئويۇن قويۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە قەدىمىيلىكىنى نامايان قىلدى. بۇ مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاخىرقى ئويۇنى.
2013-05-17
خىتاي گۇاڭجۇ بەييۈن ئايرودرومى بىلەن چۇڭچىڭ جياڭبېي ئايرودرومى 17-ماي تەھدىت تېلېفونى تاپشۇرۇۋېلىپ، بىر قىسىم يولۇچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش سەپىرىنى بىكار قىلغان.
2013-05-17
17-ماي بىر تۈركۈم خىتاي ئەرزدارلار ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىغا دەرد ئېيتىپ كەلگەن. بىراق، ئەتراپتىكى قوراللىق ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرى ئەرزدارلارنى دەرھال تۇتقۇن قىلىپ، شۇ رايوندىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ كەتكەن.
2013-05-17
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-05-16
خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق مەتبۇئاتلىرىدا، بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشتە زور نەتىجە ياراتقانلىقىنى قايتىدىن تەشۋىق قىلماقتا.
2013-05-16
دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەر ئابدۇراخمان ياپونىيە دۆلەتلىك پەلسەپە ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك پەلسەپىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى.
2013-05-16
پرېزىدېنت ئوباما ۋە باش مىنىستىر ئەردوغان سۈرىيەنىڭ ئەسئەد ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەسئەدنىڭ ھوقۇقتىن چۈشۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق قاچان، قانداق چۈشۈش مەسىلىسى ئايدىڭلاشمىدى.