ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-05-28
ئامېرىكادىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى، ۋاشىنگتون ۋاقتى 29-ماي كۈنى ئەتىگەن سائەت 11 دىن سائەت 12:30 غىچە ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى رايبۇرن خائۇس سارىيىدا ئېچىلىدۇ.
2013-05-27
رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى، شەنبە كۈنى يەنى 25-ماي كۈنى رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، شۇ كۈنى قاغىلىق ناھىيە بازىرىدا بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە 2 ئۇيغۇر ۋە 3 خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكىنى پاش قىلدى.
2013-05-27
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە بېرلىندىكى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى.
2013-05-27
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ گېرمانىيەگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مۇدىرى ماركۇس لورنىڭ ئەپەندى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا ئىشلىرى باشقارمىسى مۇدىرى جان رۇدولپخ ئەپەندى د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن ئىشخانىسىدا ئۇچراشتى.
2013-05-27
25-مايدا قازاقىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەردە ئاخىرقى ئوقۇش پۈتتۈرۈش يەنى قوڭغۇراق مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. شۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى 400 بالا ئوقۇۋاتقان مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-مەكتەپتۇر.
2013-05-27
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر بىرلىشىپ بىر بىرلەشمە جەمئىيەت قۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتچىلار ۋە ئۇيغۇر ئاكتىپلار مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
2013-05-27
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن ب ب س نىڭ تور خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ پاكىستاندىكى زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت سەككىز تۈردە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، بىرلىكتە ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان.
2013-05-27
قەشقەردىكى بىر ناھىيە ھاكىمى ناھىيە خەلقىگە مۇراجىئەت قىلىپ توردا ئېلان قىلغان ئوچۇق خەت دېھقانلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا مەۋجۇت مەسىلىلەر ئۈستىدىن شىكايەتنامە يېزىشىغا سەۋەب بولغان.
2013-05-27
ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەچە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 10-نۆۋەتلىك دۇنيا يېتىم ۋە مەزلۇم بالىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2013-05-27
يېقىندا يېڭى زېلاندىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى مەزكۇر ئەلدىن سىياسىي پاناھلىق سورىغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىشنى قارار قىلغان.
2013-05-27
يېقىندا 7 نەپەر ئۇيغۇر، بىر نەپەر قازاقتىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا ئايال چارامايدىكى 5000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاققا ۋاكالىتەن بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى كەمسىتىشكە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن.
2013-05-27
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ باياناتچىسى ستېفېن سېيبېرتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېركېل خانىم يەكشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق ۋە سەنئەت ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆزلەشكەن.
2013-05-27
بېرما ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئاڭسەن سۇكىي، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىسلامى گۇرۇھلار بېرما دائىرىلىرىنىڭ روخىڭيالىق مۇسۇلمانلارغا تۇغۇت چەكلىمىسى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق تۇغۇشىنى چەكلىگەنلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-05-27
خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى يېقىندا ئاتاقلىق خىتاي مۇسۇلمان زىيالىيسى شى ۋېيئەننى قۇرئان، ھەدىس قاتارلىق دىنىي كىتابلارنى ساتقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىپ، «قانۇنسىز تىجارەت» بىلەن شۇغۇللانغان، دەپ ئەيىبلىگەن.
2013-05-25
ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى ئاچماقچى.