ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-05-24
23-ماي پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسى ليۇجۇ شەھىرىدىكى يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرى تۇتقۇن قىلىندى. دېھقانلار بىلەن ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى بايانى پەرقلىق بولدى.
2013-05-23
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 23-ماي ئېلان قىلغان 2013-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي، پىكىر قىلىش ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2013-05-23
يېڭىساردىكى توقۇنۇشتا گۇماندارنىڭ ئايالى نۇرىمانگۈل ھاشىم ئېرىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۇنى تاياق-توقماقتىن قوغدىغان ۋە بۇ جەرياندا ئۆزىمۇ ئېغىر زەخىملىنىپ، دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.
2013-05-23
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا چېكىدىن ئاشقان، قانۇنغا خىلاپ، كۆپ خىل شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلماقتا.
2013-05-23
«مەن خىتاي ئەمەس» ناملىق مانگادا بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى، تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ياپونلارغا تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن.
2013-05-23
ب د ت ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھەقلەر كومىتېتى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە خىتايدا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئەھدىنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىكەن.
2013-05-23
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپلا قالماي، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىشى بارغانسېرى ئەۋج ئالدى.
2013-05-23
يېقىنقى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ رۇسىيە ۋە تاجىكىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتايغا بېرىۋېتىلگەن تاجىكىستاننىڭ تاغلىق بەدەھشان رايونىغا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار پەيدا بولغان ئىدى.
2013-05-23
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۈرۈمچى ۋاقتى 23-ماي كەچ سائەت 20 دە مائارىپ نازارىتىنىڭ مىكرو بلوگىدا تۇيۇقسىزلا «خىتاي تىلىدا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتايلار قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپلەرگە ئىلتىماس قىلسا، مىللىتى دېگەن كاتەكچىگە ئۆز مىللىتىنى تولدۇرسا بولىدۇ» دېگەن ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىپ، ئەسلىدىكى بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-05-23
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، داڭلىق ساياھەت رايونى بوغدا كۆلىگە 40 كىلومېتىر كېلىدىغان فۇكاڭ شەھىرى گەنخېزى بازىرىغا يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان سەنشى ئۆلكىسىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي كۆچمەنلىرى كېلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، فۇكاڭ دائىرىلىرى بازارنىڭ ئەسلىدىكى 5 مىڭ كىشىلىك ئاھالىسىنى 50 مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2013-05-23
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 20-ماي دۈشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە نېپال ۋە ھىندىستاندىكى تىبەت مۇساپىرلىرىغا 5000 كىشىلىك كۆچمەن ۋىزا بېرىشنى قاراردىن ئۆتكۈزدى.
2013-05-23
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن 23-ماي كۈنى ئېلان قىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا،2012-يىلى خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر سانى 1000 دىن ئېشىپ، دۇنيادا رېكورت ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-05-22
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مۇشتەرەك ئىستىخبارات ئىدارىسى 2011-يىلى 2-ئايدا پاكىستان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ساھىبى مۇھەممەت ئۆمەرخان ئوسمان خان ۋە مۇھەممەت ئەكبەرخان ئوسمان خان ئاكا-ئۇكىنى چەتئەلگە چىقىشى چەكلەنگەن كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويغان ئىدى.
2013-05-22
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەل يۇرتىنى تەرك ئېتىپ چەتئەللەرگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ياشلار ئىگىلىمەكتە.
2013-05-22
بۈگۈنكى كۈندە ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلاب تارىخى ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بۇلارنىڭ بىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىنقىلابقا زادى قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەسىلىسى، يەنە بىرى غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ئەينى ۋاقىتتا بولشېۋىكلاردىن قورقۇپ قېچىپ كەلگەن رۇسلارنىڭ بۇ ئىنقىلابقا قاتنىشىش مەسىلىسىدۇر.