ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-07-27
خىتايدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 21گە، ئىز - دېرىكى بولمىغانلارنىڭ سانى 4 يەتتى.
2013-07-27
خىتايدا ئوتكەن 30 يىلدىن بۇيان قارىغۇلارچە كېڭەيتىلگەن سانائەتلەشتۈرۈش ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كۆپىنچە تېرىلغۇ يەرلەرنى بۇلغاپ بولغان.
2013-07-26
ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئەركىنلىكى ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتىدا، خىتايدا يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى ئىشقا كىرىشكەن بىر يىلدىن بۇيان ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش سۈرئىتى ۋە مەزمۇن دائىرىسى كېڭەيگەن.
2013-07-26
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى توردا «ئىغۋا تارقاتتى» دەپ مەمۇرى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسىغا بۇيرۇلغان كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.
2013-07-26
ئۇيغۇر ئېلىدە مال باھاسىنىڭ شىددەتلىك ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبلىك خەلقنىڭ ئەمەلىي كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خىتاي ستاتىستىكا ئىدارىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يېرىم يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ساپ كىرىمى نامدا ئۆسكەن بولسىمۇ، بىراق 2-پەسىلدە 1-پەسىلگە قارىغاندا ساپ كىرىمى 6.0 پىرسەنت، ئەمەلىي كىرىمى 5.0 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.
2013-07-26
ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى دۆلەت مۇداپىئە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشنى، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2013-07-26
يېقىندا خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە بىر مەسچىتنىڭ تېمىغا ئويۇلغان نەقىشلەر «رۇخسەتسىز ياسالغان» دېگەن سەۋەب بىلەن سۇۋىۋېتىلگەن. ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ناھىيىدىكى بۇ مەسچىت دەرۋازىسى يېقىندا رېمونت قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىناكارلىق سەنئىتى بويىچە كۆركەم قىلىپ نەقىشلەنگەن.
2013-07-26
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلارغا رامىزانلىق ئىپتار بەردى. ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ ھەر يىلى مۇسۇلمانلارغا رامىزاندا ئىپتار بېرىشى ئادەتكە ئايلانغان. بۇ قېتىمقى ئىپتار پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 2009-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان 5-قېتىم ئىپتار بېرىشىدۇر.
2013-07-26
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-07-26
خىتاي ھۆكۈمىتى 2012-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە غۇلجا شەھىرىدىكى دىنىي زات نۇرمەمەت ھاجىم باشلىق 50 نەچچە نەپەر ئۇيغۇرنى دىنىي ئەسەبىيلىك، دۆلەتنى پارچىلاش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئارتىپ قولغا ئالغان بولۇپ، يېقىندا ئۇلار ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان.
2013-07-26
24-ئىيۇل كۈنى مەركىزى قەيسەرىدە تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە كېلىپ، ئۇيغۇرلاردىن ھال سوراپ ۋە ئەھۋال ئىگىلىگەن پارلامېنت ئەزاسى پەلىن گۈنەش باقىر خانىم، ئۇيغۇرلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2013-07-26
تۈركىيەنىڭ ئەسكىشەھەر ۋىلايىتى 2013 يىلى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى بولۇپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەر كۈنى دېگۈدەك تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ.
2013-07-26
يېقىندا 15-ئەسىردىكى تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى، يېتۈك مۇتەپەككۇر ئەلىشىر ناۋايىنىڭ مەقبەرىسىنى قايتا ياساش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھىرىدىكى گۆۋھەرشاتبېگىم باغچىسىدا داغدۇغىلىق يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
2013-07-26
رۇسىيىلىك تەتقىقاتچى دارىما دورژىيېۋا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە تەتقىقاتىنى ياۋروپا ۋە ئا ق ش ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا يەنىمۇ داۋام قىلىشنى كۆزلىمەكتە. ئۇ يېقىندا موسكۋادا « مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى قۇرۇلمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كالېندارلىق بايراملىرى ۋە ئەنئەنىلىرى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇغان ئىدى.
2013-07-26
ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار ئەسلىدە تۈرك قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن ئېچىلغان، ئەمما تىجارىتى دېگەندەك يۈرۈشمىگەن ئاشخانا، رېستوران ۋە تىز تاماقخانىلارنى ھۆددىگە ئېلىپ ياكى سېتىۋېلىپ، ئۆزلىرىگە خاس تېرىشچانلىقى بىلەن روناق تېپىش يولىغا قاراپ ماڭدى.