ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-08-31
خىتاي دائىرىلىرى يىلقىچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن تېررورىزمغا قارشى تۇرىدىغان مەخسۇس ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2013-08-31
كۈرەش كۆسەننىڭ يوشۇرۇنچە چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاتا - ئانا ۋە قېرىنداشلىرى كۈرەش كۆسەن ھەققىدە جەمئىيەتتە تارقالغان ھەر خىل ۋەھىمىلىك گەپ - سۆزلەردىن تەشۋىشلەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەركىن دۇنياغا ساق - سالامەت چىقىپ كەتكەنلىكىدىن خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ.
2013-08-31
بىز چۈشتىن كېيىن ساەت بەشلەرگە ئۈلگۈرۈپ جىگدىلىككە باردۇق. پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق، ئۇلارمۇ يېتىپ كەلدى. يىراقتىن كۆرۈش بىلەن ياسىن ”ئەنە شۇلار سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان ئادەملەر” دەپ كۆرسەتتى.
2013-08-31
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى شەنبە كۈنى كېلەر يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى يەنە 3 پىرسەنت كۆپەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
2013-08-31
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما جۈمە كۈنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-08-31
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، قاغىلىق يىلقىچى ۋەقەسىدىن كېيىن قەشقەرگە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە قەشقەردە بىر خىل ئاق تېررورلۇق كەيپىياتى ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىكەن.
2013-08-31
300-400 نامايىشچى خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان «خانئېرىق ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى ئاندۇرۇ جەيكوپ خانئېرىققا بارغان ۋە يەرلىكلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقان.
2013-08-31
قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن 20 - ئاۋغۇست قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسىنى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەزكۇر يېزا ۋە ئۇنىڭ بىلەن چېگرىداش يېزىلاردا بۇلتۇر ۋە بۇ يىل ئىچىدە چوڭ - كىچىك بولۇپ ئاز دېگەندە 4 قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
2013-08-31
ئۇيغۇر ئېلىدە «ئانا تىل مائارىپىنى» نى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، «شىنجاڭ خەلقئارا ئانا تىل چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» مۇدىرى مۇھەممەد سىدىق ۋە قانۇنىي ۋەكىلى دىليار ئوبۇل ئەپەندىلەرنى «قانۇنسىز ئىئانە يىغىش جىنايىتى» بىلەن تۇتۇپ كەتكەن.
2013-08-31
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە دەمەشق سىرتى ئېلىپ بېرىلغان خىمىيىلىك قورال ھۇجۇمىدا ئەسەد مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ قولى بارلىقىنى ئېلان قىلدى.
2013-08-31
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 127 ياشلىق خىتايدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچى ئالمىخان سېيىتنىڭ ئانىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا جىنس رېكورتىغا ئۆزىنى ئىلتىماس قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان.
2013-08-31
«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان يىلقىچى ۋەقەسى توغرىسىدىكى خەۋەردە، ۋەقەدە ئۆلگەن 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر توغرىسىدا ياكى قولغا ئېلىنغانلار توغرىسىدا بىرەر جۈملە ئەسكەرتىشمۇ يوق.
2013-08-31
يېقىندا گوللاندىيەگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خىتايلار كېچىك بالىلارغا يېگۈزۈۋاتقان ئەملەش دورىلىرىنىڭ بالىلارغا قارىتا ئەكس تەسىرى بارلىقىنى تۇيۇپ قالغان ۋە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان.
2013-08-30
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-08-30
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 30-ئاۋغۇست ئەتىگەن ئۈرۈمچىدە 5.1 بال يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەشتە بەزى بىنالارغا دەز كەتكەن.