ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-09-30
ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقتاغ (شۈيموگو) رايونىدىكى بىر خىتاي بۇتخانىسىغا شەنبە كېچىدە ئوت قويۇۋېتىلگەن. خىتايچە ياشىن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن، ئەمما ۋەقەنىڭ نامەلۇم بىر كىشى ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى بايقالغان.
2013-09-30
«شەرقىي تۈركستانغا ئازادلىق!»، «خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختاتسۇن !» چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆكتەبىر ئېيىغا مانا بۇ جەڭگىۋار شوئارلارسىز كىرمەيدۇ، يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ - 1 ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا، نامايىش ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان.
2013-09-30
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ 28 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە تور بېكىتىنىڭ يېزىق تەھرىرى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ماگېستىر ئاسپرانتى پەرھات خالمۇراتنىڭ 28 - سېنتەبىر كۈنى سەھەر سائەت 12 دە، ئىستانبۇلغا مېڭىش سەپىرىدە بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇپ كىتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
2013-09-30
خىتاينىڭ سۈرىيەدىكى ئەلچىخانا بىناسى بۈگۈن ئىسيانچىلار ھۇجۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. رويترىسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىسيانچىلار ئاتقان بىر مىناميوت دەمەشىقتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىناسىغا توغرا كېلىپ، ئەلچىخانىنىڭ ئىشىك ۋە دېرىزىلىرى چېقىلغان؛ ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرىدىن بىرى يېنىك يارىلانغان.
2013-09-30
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەنزىللىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە قالقان سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر خىتاي نازۇك تېخنىكىلىق قورال - ياراق شىركىتىگە ھۆددىگە بەرگەن ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى دۇنياغا ناھايىتى تاسادىپىلىق تۇيۇلغان ۋە زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
2013-09-30
8 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مىللەتلەر ئارا تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى، تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 30 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلتاي زالىدا رەسمىي باشلاندى.
2013-09-30
1949 - يىلى سنتەبىردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى 17 كىشىنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. بۇ يىل ئەنە شۇ خەۋەرنىڭ تارقالغانلىقىغا 64 يىل توشتى.
2013-09-30
تۈركىيە ئۆتكەن ھەپتە، تەسىس قىلماقچى بولغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىيەلىنىش سېستىمىسىنى بىر خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
2013-09-30
9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئادىلايد جامائىتىنىڭ ئىقتىسادىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىكى قوللاشلىرى بىلەن سېتىۋېلىنغان، ئاۋسترالىيىدىكى تۇنجى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆيى پائالىيەت مەركىزىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2013-09-30
9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى توكيودا ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
2013-09-30
بۈگۈن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىمگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋاشىنگىتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا توپلىنىپ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
2013-09-29
يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كۆپ ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى.
2013-09-29
1 - ئۆكتەبىر كۈنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2013-09-29
قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى، يېقىندا ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەخسۇس «ئانارخان» دراممىسىنى قايتا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشنى قارار قىلغان.
2013-09-29
2000 - 2004 - يىللىرى ئارىسىدا ئىككى مىليارد 800 مىڭ يۈەن بانكا ئامانەت پۇلىنى ئىگىلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىتاينى زىلزىلىگە سالغان گاۋشەن، لى دوڭجې ۋە لى دوڭخۇ قاتارلىق 7 ئادەم 29 - سېنتەبىر كۈنى خاربىن شەھەرلىك ئوتتۇرا تەرىپىدىن سوتلانغان.