ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-09-02
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي قىسىملىرى ئافغانىستاندا 1979 - يىلدىن تا 1989 - يىلغىچە بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قىلمىشى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ئەيىبلەندى.
2013-09-02
خىتاينىڭ شىنخۇا تور بېتىدە كۆرسىتىلىشچە 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خىتاي بىلەن پاكىستان ھاۋا ئارمىيىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
2013-09-02
ئامېرىكا پرەزىدېنتى بارراك ئوبامانىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتى ھارپىسىدا سكاندىناۋىيە ئەللىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆز پائالىيەتلىرىنى جىددىيلەشتۈردى. «2008 خىتابنامىسى» تەشكىلاتى گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمىسىنى قانات يايدۇردى.
2013-09-02
خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق مۇتەخەسسىسى دەپ بېكىتىلگەن ھەم بىرقانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايوندىكى ۋەقەلەر ھەققىدە ئاخبارات ساھەسىگە پىكىر ۋە مەلۇمات بېرىپ كېلىۋاتقان لى ۋېي تۈنۈگۈن بىر ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدىن پەرقلىق ھالدا سۆز قىلغان.
2013-09-02
ئۇيغۇر رايونىدا 2011 - يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلىپ ۋە ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ 26 خىل ئىپادىسى» ناملىق ھۆججەت ئامېرىكىدا چىقىدىغان جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ھەپتىلىك جۇرنىلىدا مۇلاھىزە قىلىنىپ تەنقىدكە ئۇچرىدى.
2013-09-02
خىتاينىڭ خەلق گېزىتى ۋە بېيجىڭ كۈندىلىك گېزىتى بۈگۈن ئوخشاش تېمىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئاكتىپ بولۇشقا چاقىرغان ۋە ئۇلارنى قارشى مەيداندىكىلەرگە يېڭىلىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.
2013-09-02
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بىر رەسىملىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزىلىۋاتقان ياۋرۇ - ئاسىيە كۆرگەزمىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئۈرمچىنىڭ يېڭىشەھەر رايوندىكى ۋېيشىڭ دېگەن بىر مەيداندا مىڭلارچە ئۇيغۇر ئۇسۇلغا سېلىنغان. خەۋەرنىڭ چۈشەندۈرىشىدە «ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما مەشرەپ ئويناپ كۆرگەزمىنى كۇتىۋالدى» دىيىلگەن؛