ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-09-27
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابې جۈمە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ياپونىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئىختىلاپتىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقى، بىراق ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىدىغان ھېچقانداق تەدبىر قوللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-09-27
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-09-26
خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى تارقاتقان مەخپىي ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ھېلاجى ئائىلىسىگە ئۈسۈپ كىرىپ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە تەھدىت سالغان.
2013-09-26
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 8-9-ئاي مەزگىللىرىدە «ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلاپ ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىتاي ئىنتېرنېت ساھەسىدە ئاكتىپ ئۇچۇر يوللاپ كېلىۋاتقان تور بلوگ ساھىبلىرىنى قولغا ئېلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى.
2013-09-26
ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ۋاشىنگتوندىن چىقىدىغان «ناتىئونال گېئوگرافىك» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «بۈيۈك يۈز سىر نامايان قىلىندى» ناملىق مەخسۇس سانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىن تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەر يەنى تارىم مۇمىيالىرىمۇ ئورۇن ئالغان.
2013-09-26
كىچىك مۇجاھىت، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن قەشقەردىكى ئاكىسى بىلەن ئاچىسىنى ئېكىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئۇلارنى قەشقەردىن تۈركىيەگە ئەكەلدۈردى.
2013-09-26
قازاقىستان دۆلەت رەھبەرلىكى، قانۇن ئورگانلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قازاقىستاندا تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئامما مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردىن كېيىن، بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قاراش دەررۇ ئۆزگەردى.
2013-09-26
«چۈشۈرگىدىكى ماجىرا ناملىق» كىتاب، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى يېزىپ نەشرگە تەييارلىغان.
2013-09-26
2013-يىلى 10-سېنتەبىر گوللاندىيەدىكى خەۋەر ۋاسىتىلىرىدە، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا يەتكۈزگەنلىك گۇمانى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىككى تەرجىماننىڭ ئەيىبنامىسىدە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
2013-09-26
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى دۆلەت كادىرلىرىنىڭ شەخسىي پاسپورتلىرىنى تىزىملاپ، يىغىۋېلىش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.
2013-09-26
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 24-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىتايدىكى بالىلار ھوقۇقى مەسىلىسى بويىچە ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى.
2013-09-26
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ ئايرودرومدا يوقاپ كەتكەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى ساۋ شۈنلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.
2013-09-26
خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭلېي بۈگۈن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي دىپلوماتىيە دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بۇ مەسىلىدە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئىپادە قىلغان.
2013-09-26
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رابىكوۋ بايانات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ خىمىيىۋى قوراللىرىنى يوقىتىشقا ياردەم قىلىدىغانلىقى، ئەمما بۇ قوراللارنى رۇسىيەگە يۆتكەشكە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-09-25
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 24-نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي يىغىنى داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە چاقىرىلغان «كىشىلىك ھوقۇقنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش» ماۋزۇلۇق يىغىندا سۆز قىلدى.