ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-09-24
تۈركىيەدە ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەر، كادىرلار ئۇيۇشمىلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولۇپ ھەر ساھە خەلق ئاممىسى ئۇيغۇرلارنى قان ۋە دىن قېرىنداشلىرىمىز دەپ قارايدۇ ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈمەتنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ.
2013-09-24
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 28-كۈنى توكيودا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
2013-09-24
ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئافغانىستان ياكى پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھېچبىر جامائەت ياكى ھېچبىر تەشكىلات ئۆزلىرىگە ھىجرەت قىلىپ بارغانلارنى قوغداپ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان شارائىتقا ئىگە ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم.
2013-09-24
ئۇيغۇر بىز تورى 23-24-سېنتەبىر كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان 4-قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، 2010-يىلى باشلانغان «شىنجاڭغا ياردەم» قۇرۇلۇشىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەشۋىق قىلىغىنىدەك «يەرلىكلەرگە پايدا ئېلىپ كەلگەن» لىكىنى ئىنكار قىلىپ، «شىجاڭغا ياردەم» قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر رايونىغا يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
2013-09-24
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى چارۋىلاردا تارقالغان ئېغىز-تۇياق ياللۇقى كېسەللىكى خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈردى.
2013-09-24
ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭ جياۋەن ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن«توردا ئىغۋا تارقاتتى» دەپ قولغا ئېلىنغان 16 ياشلىق ئۆسمۈر 23-سېنتەبىر كۈنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلدى.
2013-09-24
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 29-سېنتەبىر كۈنى رەسمى ۋىۋىسكا ئېسىلىش ئالدىدا تۇرغان «شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى»دا ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2013-09-24
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 24-سېنتەبىر كۈنى نيۇيوركتا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 68-قېتىملىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىراننى يادرو قوراللار مەسىلىسىدە ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى.
2013-09-23
ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتا مىراس ئۇيغۇر تېۋىپلارنى كەسپىي دوختۇرلۇق لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئىمتىھانىنى خىتاي تىلىدا بېرىشكە زورلىشى بىلەن يوقىلىش كرىزىسىغا دۇچ كەلدى.
2013-09-23
خىتاينىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دائىرىلىرى 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغان ئالىم ھېلاجىنىڭ ئائىلىسىگە ئىجارىگە ئۆي بەرمەسلىك ھەققىدە مەخپىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. مەزكۇر ئائىلىگە ئۆي ئىجارە بەرگەن سېلىم ھاجى دېگەن كىشى ئايال، بالىلىرى بىلەن قېتىپ 24 سائەت سولاقخانىغا قاماپ قويۇلغان.
2013-09-23
خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئىسلاندىيەدە ئېچىلغان 79-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا كېلەر نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
2013-09-23
ئۆتكەن ھەپتە ئۈندىدار، فېيسبوك قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە، خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە ئىشلەنگەن «ھالال يېمەكلىك» ماركىسى چاپلانغان چوشقا كونسېرۋاسى ھەققىدە سۈرەتلىك خەۋەر تارقالدى.
2013-09-23
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 24-نۆۋەتلىك يىغىنى ئىككىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى.
2013-09-23
جۇغلىغان ھاسىلاتلىرىنى ۋەتەن-مىللىتىگە يەتكۈزۈشكە خۇشتار زىيالىيلار بىلەن، چاڭقىغان ئېھتىياجلىرىغا داۋا بولغۇسى پۇرسەتلەرگە تەشنا ئاۋامنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئۆز-ئارا ئۇچراشتۇرۇش، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ يەنە بىر خىزمىتى بولۇپ ئومۇملاشماقتا.
2013-09-23
ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ئۇراسوئە شەھىرىدە 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بېرىلگەن.