ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-09-23
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قابىلىيىتى بىلەن ئىلىم-پەن ساھەسىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىللىتىگە شان-شەرەپ كەلتۈرمەكتە.
2013-09-23
خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى يەكشەنبە كۈنى، سابىق چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق ۋە ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
2013-09-23
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، جايلاردىن يېزا-قىشلاقلاردىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قىسقارتىش، قوشۇۋېتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
2013-09-23
د ئۇ ق خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا-قىشلاق ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئورتاق خەنزۇ تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش پىلانىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-09-23
خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرى خەيبىڭ كەنتىدىكى دېھقانلار يەكشەنبە كۈنى كەنت كومىتېتى ۋە شىبى بازارلىق ھۆكۈمەت ئالدىدا توپلىنىپ، قانۇنسىز يەر سېتىشقا قارشى نامايىش قىلغان.
2013-09-23
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 3-تۈركۈمدىكى تەرەققىيات ئىسلاھات سىناق قىلىنىدىغان نۇقتىلىق شەھەر، بازارلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بىراق تىزىملىكتىكى 15 شەھەر، بازارنىڭ ئاران 3 ئىنى جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نامرات بازارلار ئىگىلىگەن.
2013-09-22
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسى بويىچە ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تارىخى بويىچە تۇنجى قېتىم دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابى ھەققىدىكى مەلۇماتلار، ئوسمان باتۇر ھەققىدىكى تارىخىي مەلۇماتلار ۋە شاھىدلارنىڭ ئىنكاسلىرى تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخى باغلىنىش مەسىلىلىرى ۋە باشقىلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.
2013-09-22
ئوسمان ئىسلام ئوغلى (1899 - 1951) ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمىدا يۈز بەرگەن زور تارىخىي ۋەقەلەردە سەھنىگە چىققان مۇرەككەپ شەخس. ئۇ دەسلەپ ئالتاي قازاقلىرىنىڭ 1940 - يىلىدىن باشلانغان شېڭشىسەيگە قارشى قوزغىلاڭلىرىغا قاتنىشىپ داڭق چىقارغان. 1941 - يىلىدىن كېيىن تەترىجىي ھالدا قوزغىلاڭچىلارنىڭ يېتەكچىسىگە ئايلانغان.
2013-09-22
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ سابىق ئەزاسى، چوڭ چىڭ شەھىرى پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى بو شىلەي جىنەن ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
2013-09-22
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان خەلق گېزىتى يەكشەنبە كۈنى بو شىلەيگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن باش ماقالە ئېلان قىلىپ، پارىخورلۇققا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
2013-09-22
شەنبە كۈنى ئافرىقىدىكى كېنىيىنىڭ پايتەختى نايروبى شەھىرىدىكى بىر چوڭ سودا سارىيىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 59 ئادەم ئۆلۈپ، 175 ئادەم يارىلانغان.
2013-09-22
يەكشەنبە كۈنى، پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بىر چېركوۋدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاز دېگەندە 60 ئادەم ئۆلۈپ، 120 ئادەم يارىلانغان.
2013-09-21
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچىدىن كەۋسەرگە چېگرادىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن پەقەتلا 12 كۈنلۈك ۋىزا بەرگەن بىر پەيتتە، بېيجىڭدىكى شىۋېتسىيە ئەلچىخانىسىمۇ كۈرەش كۆسەننىڭ ئانىسى تىللاخان بىلەن نەۋرىسى كەۋسەرنى يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ئۈچۈن چاقىرتىدۇ.
2013-09-21
خىتاينىڭ شاڭخەيدىكى خاككېرلىرى ئامېرىكا قاتارلىق ئەللىرىدىكى 20 مىگە يېقىن دۆلەت مۇداپىئە شىركىتىگە قارىتا تور جاسۇسلۇقى قوزغاپ، مەخسۇس ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغان.
2013-09-21
ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا ئۆلكىسىدە 6 ياشلىق بىر بالا پاختا تېرىش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.