ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-09-21
مەلۇم بولۇشىچە، ئىچكى موڭغۇلدىكى يايلاقلىرىدىن شەھەرلەرگە ھەيدەلگەن بىر قىسىم موڭغۇل چارۋىچىلار موڭغۇل كىملىكى ۋە ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا يولۇقماقتا ئىكەن.
2013-09-21
يالماپ ۋەتەننى مەقسەتلىك ئىشىك قاققانغا ياق دەڭلار، ...
2013-09-21
كەچتە ئىنى-سىڭىلىرىم بىلەن ئۆيدە قىزىق پاراڭدا ئولتۇراتتۇق، ئىشىكنى ئېچىپ ئىككى خىتاي خەلق ئەسكىرى ۋە كەينىدىن دادام ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇكىلىرىم چىقىرىشىپ بېرىپ دادامغا ئېسىلىپ كۆرۈشۈپ كەتتى. ئۆيىمىز خۇشاللىققا چۆمۈپ كەتتى. ئۇ ئىككى خەلق ئەسكەرلىرى داداڭلارنى ئېلىپ كېلىپ قويدۇق، دەپ چىقىپ كەتتى. كۆڭلىمىزگە بىر ئەنسىرەش كەلدى.
2013-09-20
5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغانلاردىن مەمتىمىن ياسىننىڭ ئايالى مەرەمنىسا تۇردى ئۈرۈمچىدىكى غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتى ئىچىدە، ئۆز ئەھۋالىنى ئاخباراتقا مەلۇم قىلىشتىن ۋاز كەچمەي كېلىۋاتقانلاردىن بىرى. ئۇ ئۆتكەن ئايدا رادىئومىزغا ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى مۇھاجىرلاردىن تاپشۇرۇۋالغان 500 دوللار پۇلنى، ساقچىلارنىڭ مۇسادىرە قىلىۋالغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.
2013-09-20
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى ۋە تەدبىرلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.
2013-09-20
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 24 - نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە داۋام قىلماقتا. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ب د ت دىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
2013-09-20
مەككىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەدەل ھەج تىجارىتى خۇددى مەرۋايىت ۋە تاۋار تىجارىتىگە ئوخشاش، بەلكى ئادەتتىكى سودىلارغا سېلىشتۇرغاندا ھەم دەسمايىسىز ھەم جاپاسىز ھەم پايدىسى نەق بولۇپ ئېقىۋاتقان بىر تىجارەت بولۇپ قالماقتا.
2013-09-20
تۈركىيەدە 10 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ بۇ پەيشەنبە كۈنىدىكى قىسمىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يەنە تىلغا ئېلىندى.
2013-09-20
ئۇيغۇر ئېلىدە مەلۇم بىر خىتاي مەكتىپىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسى ئىشخانىدا، يەنە بىر ئۇيغۇر خىزمەتدىشى بىلەن ئانا تىلىدا سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن باشقا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
2013-09-20
18-سېنتەبىر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور جەمئىيىتى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، رايوندىكى تور ئالاقە مەشغۇلات شىركەتلەرگە ئۆز ئۆزىنى كەسپىي تىزگىنلەش ئەھدىنامىسى ئىمزالاتقۇزغان.
2013-09-20
سۈرىيەدە ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەر سېپىدىكى ئىسلامى كۈچلەر بىلەن دېموكراتىك كۈچلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ پارتلاپ چىقتى.
2013-09-20
خوتەن قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ماڭلاي يېزىلىق پارتكومى 17- سېنتەبىر كۈنى ماڭلاي ئوتتۇرا مەكتىپىگە يىغىن ئېچىپ، 18 -سېنتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياغلىق چىگىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
2013-09-20
قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئوش شەھىرىدە سۈرىيەگە بېرىپ، ئىسلامى قوراللىق كۈچلەر سېپىدە باشىر ئەسەدكە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قايتقان 3 كىشىنى قولغا ئالغان.
2013-09-20
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-09-19
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل ئافغان- پاكىستان چېگراسىدىكى شەرقى تۈركىستان ئىسلامى كۈچلىرىگە باغلاپ، بۇ كۈچنىڭ خىتايغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.