ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-02-26
21-فېۋرال كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي بىر كۈن بولدى. ئۇ كۈنى «ئۇيغۇر ئانا تىل ھوقۇقى» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق يىغىن بىلەن «ئانا تىلىمنى يوقاتما» ماۋزۇلۇق بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
2014-02-26
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەملىكەت خەلقىگە يوللىغان نۆۋەتتىكى مەكتىپىدىن كېيىن يەرلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە دۆلەت نامىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئەتراپىدا بەس-مۇنازىرە كۈچەيدى.
2014-02-26
ياپونىيە گېزىتى «ئاساھى شىمبۇن» غا بېسىلغان «ئامېرىكا خىتاينىڭ دىققىتىنى قوزغىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، باراك ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە تىبەت مەسىلىسىنى مۇھىم دەپ قارىغانلىقىدىن، دەپ چۈشەندۈرگەن.
2014-02-26
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قولغا ئېلىپ، رەسمىي ئەيىبلەشنى قارار قىلغانلىقىغا ئىنكاس بىلدۈردى.
2014-02-26
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن رەسمىي ئەيىبلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى خەلقنى خىتاي رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلىشقا چاقىردى.
2014-02-26
ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەرىي لۇك چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ كېلەچىكى ئۇنىڭ مۇستەقىل ئەدلىيە ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش-قىلالماسلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2014-02-26
ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئۈرۈمچىدىن رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئۇچۇر بېرىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئادىل سوتلىنىشىدىن بەك ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
2014-02-26
چارشەنبە كۈنى 37 نەپەر خىتاي گراژدانى بېيجىڭ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، 2 ياپونىيە كارخانىسىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا خىتاي ئىشچىلىرىنى ئېغىر ئەمگەككە سالغانلىقى سەۋەبلىك تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان.
2014-02-26
چارشەنبە كۈنى قىرىم پايتەختى سىمفېروپولدا رۇسلار بىلەن كىيېفنى قوللايدىغان ئۇكرائىنلار ۋە يەرلىك تاتارلار ئىككى تەرەپ بولۇپ نامايىش قىلدى.
2014-02-25
ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىپ 41 كۈندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى گۈزەلنۇر خانىمغا يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، ئىلھام توختىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن 20-فېۋرال رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
2014-02-25
ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدىكى 5 ھامىلىدار ئايال دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ، ئۇلارنىڭ 6 ئايلىقتىن 9 ئايلىققا قەدەر بولغان 4 ھامىلىسى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئىدى.
2014-02-25
رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئانا تىل بىلەن داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئۇنىڭ ئاتا مىراس تېۋىپلىرى يېقىندىن بۇيان خىتاي تىلىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.
2014-02-25
قوش تىل مائارىپى، دەپ ئاتالغان، ئەمما خىتاي تىلىدىن ئىبارەت يەككە تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر يېڭى ئەۋلادلارنىڭ دىلى، تىلى، ئەقلى، پسىخىكىسى ۋە باشقا جەھەتلىرىدە پەيدا قىلىۋاتقان سەلبىي تەسىرلىرى ئاتا-ئانا ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر مۇھىم مەسىلە.
2014-02-25
ئانا تىلنى قوغداش پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيەدىن فىرانسىيەگە بارغان ئۇيغۇرلار، بۇ قېتىملىق پائالىيەت سەپىرىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
2014-02-25
ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان 83 ياشلىق بەدىگۈل ئانا ھاجىيېۋا ئۇيغۇر دىيارىدا ئالىي مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، بىر نەچچە يىل مابەينىدە پارتىيە ۋە دۆلەت مەھكىمىلىرىدە يۇقىرى لاۋازىملاردا خىزمەت قىلدى.