ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-12-16
چېگراسىز مۇخبىرلار ناملىق خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېن شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرغان 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت قۇرۇلتىيىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.
2015-12-16
13 - دېكابىر توكيودا رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2015 - يىللىق لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2015-12-16
14 - دېكابىر «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى» بىلەن «گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونى» بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان «تۈرك تارىخى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى» ناملىق مۇھاكىمە يېغىنىدا ئۇيغۇر دىيارى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىلىق مەلۇمات بېرىلدى.
2015-12-16
14-دېكابىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن ئادۋوكات پۇ جىچياڭ ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتىن كېيىن، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىغا دائىر مۇلاھىزىلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىندى.
2015-12-16
كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسى قازاقىستان ئىقتىسادىغا ھەم ئۇنىڭ ئاھالىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغىمۇ ئۆزىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى يەتكۈزمەكتە.
2015-12-16
خىتاينىڭ شىنخۇا تورىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 14 - دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «ئۇچۇر - ئالاقە ۋە تور سىستېمىسىدىكى يېڭى جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە تۈزەش» يىغىنىدا يېڭىدىن بېكىتىلگەن 11 تۈرلۈك جىنايەت ۋە 7 تۈرلۈك قانۇنسىز قىلمىشنىڭ نۇقتىلىق تەرتىپكە سېلىش نىشانى بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
2015-12-16
تۈركىيىدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا 18 - دېكابىر كۈنى مەرھۇم ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدىكى پېشقەدەم تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ 85 ياشقا كىرگەنلىكىنى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدىكەن.
2015-12-16
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە بىر مىليارد 800 مىليون دوللارلىق قورال - ياراق سېتىپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇ خىل قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
2015-12-16
16 - دېكابىر كۈنى خىتاي دۆلىتى ساھىبخانلىقىدا جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا تور يىغىنى» دا خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ دۇنياۋىي خاراكتېرلىك تور باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شۇ ئارقىلىق بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ تور دۇنياسىدىكى جىنايەتلەر ۋە تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىجابىي رولى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
2015-12-16
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە «ئورتاق دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش» ئۈچۈن قاتاردا ھەربىي بازا تەسىس قىلماقچى بولغان. بۇ ھەرىكەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2014 - يىلى ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھازىرقى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەھۋالدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
2015-12-15
«بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز تەۋەلىكىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش دەپ بېكىتىلگەن. ئومۇمەن مۇقىملىققا دائىر ھەرقانداق بىر ئىش بىزنىڭ ۋەزىپە دائىرىمىزنىڭ سىرتىدا ئەمەس!»
2015-12-15
ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇۋاتقان سەنئەتكە، جۈملىدىن رەسساملىققا بولغان ھەۋەسنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىۋالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2015-12-15
دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، نوپۇس قېرىشى سەۋەبىدىن خىتاي كېيىنكى بىر قانچە ئون يىل ئىچىدە 90 مىليوندىن ئارتۇق ئىش كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن. دۇنيا بانكىسى مۇتەخەسىسىلىرى خىتاينىڭ باي بولۇشتىن ئاۋۋال قېرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق، خىتاي بولسا نوپۇس قېرىشىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
2015-12-15
تۈركلەر ئارىسىدا تۇنجى قېتىم خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەزىز سانجار ئەپەندى 14 - دېكابىر كۈنى ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەندە ئەسەنبوغا ئايرودرومىدا ئۇنى قارشى ئالغانلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ گۈل تەقدىم قىلىپ كۈتۈۋالدى.
2015-12-15
15-دېكابىر كۈنى، قاراماي رايونىدىكى غەربىي تاشلىق جىلغىسىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى ئۆيلەرنى پۈتۈنلەي چېقىۋېتىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرىلغان.