ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-01-07
چارشەنبە كۈنى، جاڭ چۈنشيەن «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، رايوننىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى جىددىي كۆرۈشكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى» نى يازغان ۋە 2015-يىلىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئوخشاش شەكىلدە داۋام قىلىدىغانلىقىدىن شەپە بەرگەن.
2015-01-07
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ سابىق ج خ مىنىستىرى جوۋ يوڭكاڭ ئۈستىدىن تۇرغۇزۇلغان چېرىكلىك دېلوسى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا رەسمىي تاپشۇرۇلغان.
2015-01-07
6-يانۋار، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ ئۈرۈمچىگە چاقىرىپ كېلىنگەن 8 نەپەر نوپۇزلۇق دىنىي زات «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈمىدنى يەردە قويماسلىق» ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە، بۇ ئاتالمىش دىنىي زاتلارنىڭ «پارتىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش» ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكى دىققەت قوزغىدى.
2015-01-07
7-يانۋار فىرانسىيەدىن چىقىدىغان «چارلىي ھەبدو» ژۇرنىلىنىڭ پارىژدىكى ئىشخانىسى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەن 12 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى، بىر نەچچە كىشى يارىلاندى.
2015-01-06
ئارىمىزدا ئېلنۇر خانىمغا ئوخشاش تۇيۇقسىز كەلگەن بەختسىزلىك، تەقدىرنىڭ قىيىن سىناقلىرىغا ئاجايىپ جەسۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرىدىغان غەيرەتلىك ئانىلار بار.
2015-01-06
ئىگىلىشىمىزچە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالى كۆپلىگەن كىشىلەر ۋە ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى چېكىۋاتقانلىقى مەلۇم.
2015-01-06
كېيىنكى، ئايلاردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە 100 ئۆي تەسىس قىلىنىپ، بىر قورۇ جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
2015-01-06
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنى يىللاردىن بۇيان ھەرخىل قاچاق يوللار بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمنى ئاياللار ۋە بالىلار تەشكىل قىلىدىكەن.
2015-01-06
يېقىندا ياپونىيە «ۋويىس ئىن» نەشرىياتى تەرىپىدىن ئەنگلىيەلىك شەرقشۇناس تەتقىقاتچى ئېچان دېراۋينىڭ «شەرقنىڭ بۈيۈك پەيلاسوپى- مەۋلانە جالالىدىن رۇمى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى.
2015-01-06
بۈگۈن قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت ساھەسىدە ئىجاد قىلىپ كېلىۋاتقان شائىرەلەر كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى بېيىتىپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقان دېھقان شائىرەلەر يوقنىڭ ئورنىدا.
2015-01-06
6-يانۋار «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «جۇڭگودىكى ياخشى تورداشلار قانداق ئۆلچەملەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان «50 تىيىنلىق» يازارمەنلەرنى قوللاش چاقىرىقى ئىنكاس قوزغىدى.
2015-01-06
5-يانۋار كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن يەنە تۆتىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى.
2015-01-06
بېيجىڭ دائىرىلىرى 3-يانۋار كۈنى «جەمئىيەت ئىقتىسادى تەتقىقات ئورنى» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ساھىبى، خىتاي زىيالىيسى گو يۈشەننىڭ «قانۇنسىز تىجارەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
2015-01-06
ئامېرىكىدا چىقىدىغان خەلقئاراغا مەشھۇر «ۋالل سترېت ژۇرنىلى»دا 6-يانۋار ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگراسىدا ئوت كۆيمەكتە» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئىلھام توختى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە قوشۇلۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2015-01-06
خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر، ئادۋوكاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 1-تۈرمە دائىرىلىرىدىن ئېرى ئىلھام توختىنى يوقلاش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.