ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-01-31
ئۆمەر ئابدۇغېنى، ئۆمەر مەمەت ۋە مەتسېلىم مەتكېرىم قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئۆسمۈر پىدائىي 28 - يانۋار كۈنى چىرا ناھىيەسىنىڭ يانتاقكۆل كەنتىدە ئۆزلىرىگە خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرگەن ئىككى نەپەر ساقچى ۋە بىر ئامانلىق خادىمىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىنى ئېلىپ قاچقان.
2015-01-31
ئەھەت قارىنىڭ ئۆيىدە بىر سىڭلىسى، ئاتا - ئانىسى ۋە خوتۇنى بولۇپ جەمئىي بەش جان ئادەم ياشايتتى. ئۇنىڭ توي قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ تېخى بالىسى يوق، ئايالى«گۇماندار» ئىدى. بۇ ياش كېلىن سەھرالىقلارچە تۈز، ساددا ئىدى.
2015-01-31
1940 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى دەۋرىدە غۇلجىدا چوڭ بولغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمان تۇردى ھازىر قىرغىزىستاندا ياشىماقتا.
2015-01-31
ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 30 - دېكابىردىكى بىر يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدە پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى «تەۋرەنمەي» ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىگەن.
2015-01-31
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدا قۇرۇلغان بىر ساختا بانكا بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە خېرىدارلارنىڭ 200 مىليون يۈەن پۇلىنى ئالداپ كەتكەن.
2015-01-31
BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭلىقلار ھەر كۈنى خىزمەت ئۈچۈن 52 مىنۇت مېترودا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر ئىكەن، بۇ نيۇ - يوركلىقلارنىڭ سەپەر ۋاقتىدىنمۇ ئۇزۇن ئىكەن.
2015-01-31
گېرمانىيە ئۆزبېكىستاندىكى تەرمىز ھەربىي بازىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2015-01-30
بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە 28- ۋە 29-يانۋار كۈنلىرى قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ۋەقەنىڭ چىنلىقى ئاھالىلەر ۋە ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.
2015-01-30
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شېن يۆيۆ بىلەن كۆرۈشكەن جاڭ چۈنشەن «ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، زوراۋان-تېررورچىلارغا زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى كۈچ ئاساسىي قاتلامدا» دېگەن.
2015-01-30
28-، 29-يانۋار كۈنلىرى، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەردىن ھال سورىدى.
2015-01-30
ياۋروپادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت خانىمنىڭ بۇلتۇر 30 - نويابىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسى 27 - يانۋار ئاياغلاشتى. رەسسام مەرۋايىت خانىم رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، ئۆزىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىجادىيەت نەتىجىلىرى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىجادىي يۆنۈلۈشى ھەققىدە توختالدى.
2015-01-30
تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى جەلالىددىن لەكەسىز ئەپەندى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتى باش سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ بىلەن سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلدى.
2015-01-30
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2015-01-30
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسى تەۋەسىدە 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.
2015-01-30
ب ب س ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى ئالىي مائارىپ ساھەسىدىن «غەرب ئىدىيەلىرى» بىلەن «غەرب قىممەت قاراشلىرى» نى كەڭ كۆلەمدە تازىلاش دولقۇنى قوزغىغان.