ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-01-21
شىۋېتسارىيەدە ئېچىلغان دۇنيا ئىقتىسادى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، تۈنۈگۈن «جۇڭگو ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ دۇنياۋى تەسىرلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان.
2015-01-21
يەتتە ياشلىق بالىسىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي قاراقچى ۋە ئۆزىنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلغان ئۇچتۇرپان ساقچىلىرى ئۈستىدە ئەرز قىلىۋاتقان ئەرزدار نۇرۇنگۈل توختىنىڭ نۆۋەتتە 3-قېتىم قاماقتا ئىكەنلىكى بايقالماقتا.
2015-01-20
2015-يىلىنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە 6 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا شاڭخەي ئايرودرومىدا 9 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن 10 نەپەر تۈركنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2015-01-20
خوتەندىكى زور بىر تۈركۈم تەقۋادار ئاياللار، ھەم خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ھەم ھايات پرىنسىپلىرىدىنمۇ ۋاز كەچمەسلىك ئۈچۈن، ئۆيىدىن سىرتقا چىقماسلىق تەدبىرىنى قوللانغان.
2015-01-20
خىتاي ھۆكۈمىتى غەيرىي رەسمىي ھالدا يولغا قويۇپ يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىنى چەكلەش ۋاسىتىلىرىنى رەسمىي قانۇنلاشتۇردى.
2015-01-20
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ئىران پايتەختى تېھراندا، ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۈسەيىن دېھقان بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە مەزكۇر ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.
2015-01-20
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 1-ئاينىڭ 19-كۈنى فىرانسىيەدە بىر كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ باردى. رابىيە قادىر خانىم، بۇ بىر كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېت مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن.
2015-01-20
17-يانۋار فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى پارىژ شەھىرىدە يىللىق خۇلاسە يىغىنى چاقىرىپ ئۆتكەن يىللىق خىزمەتلەردىن خۇلاسە ۋە ھېسابات ئېلىپ باردى.
2015-01-20
ئۇيغۇر دېھقانلىرى، ھەتتا ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنىڭ خىتايدا كەڭ تارالغان «كىچىك ئالما» ئۇسۇلىنى كوللېكتىپ ئويناشقا مەجبۇرلانغانلىقى دىققەت قوزغىغان ئىدى.
2015-01-20
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 20-يانۋار كۈنى 2014-يىلى خىتاي چېگراسىدىن ۋىيېتنام، تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاچقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم تارقاتتى.
2015-01-20
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20-يانۋاردىكى سانىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن باياناتى بېرىلدى.
2015-01-20
خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يەنى بىڭتۇەن تەۋەلىكىدە 2014-يىلى ئاشكارىلانغان ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان چىرىكلىك دېلولىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى ئېلان قىلىندى.
2015-01-20
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر يەنى 2014-يىلى 23-ماي باشلىغان «بىر يىللىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى تورلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاتالمىش«گۇمانلىق كىشىلەر »نى تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرغان.
2015-01-20
20-يانۋار كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغۇل يايلىقىدا يايلاقتىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەردى.
2015-01-19
تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىدە 1 مىليون كىشى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قول قويغان.