ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-01-30
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىشتىكى ئەڭ يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغان.
2015-01-30
«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسى بىلەن «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارراك ئوباما بىلەن تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ يېقىندا ئوچۇق-ئاشكارا يۈز كۆرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
2015-01-30
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ، تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ۋە كىملىكىدە تۇغۇلغان يۇرتىنى يېزىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2015-01-29
بۇ يىل 71 ياشقا كىرگەن، پىچان يېڭىيەرلىك ئېلى رىشىت، 20 يىلنىڭ ئالدىدا كىچىك بىر ئىجتىمائىي جىدەلگە چېتىلىپ قېلىپ تۇتقۇن قىلىنغان، سوراق ۋە قىيناش داۋامىدا ئۇنىڭ بىر كۆزىگە توك كالتەك تېگىپ، شۇ كۆزى كاردىن چىققان.
2015-01-29
ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە 3 ياشلىق مۇساپىر بالا ئابدۇللانىڭ تايلاندتىكى بىر دوختۇرخانىدا 53 كۈن يالغۇز يېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
2015-01-29
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2015- يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئۆتكەن يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، 2014-يىلى ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق جىددىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2015-01-29
تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2015-يىللىق ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى فېۋرال ئېيىدا باشلىنىپ، ئىلتىماس ۋاقتى 30 كۈن داۋاملىشىدىكەن.
2015-01-29
28-يانۋاردىن باشلاپ توكيودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۈگۈن ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
2015-01-29
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختالغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابلىمىت تۇرسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2015-01-29
يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي مەتبۇئاتلىرى 1989-يىلى قازا قىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى خۇ ياۋباڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى دۆلەت تەرىپىدىن داغدۇغىلىق خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى تارقاتتى.
2015-01-29
ئۆتمۈشتىن مەلۇمكى، بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تا 90-يىللىرىغىچە دۇنيادا بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى ئىككى سىياسىي سىستېما، يەنى سوتسىيالىزم ۋە كاپىتالىزم تۈزۈملىرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ قارشىلىق نەتىجىسىدە دۇنيا ئاتوم ئۇرۇشى خەۋپىگە دۇچار بولدى.
2015-01-29
ياۋروپادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت خانىمنىڭ بۇلتۇر 30-نويابىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسى 27-يانۋار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.
2015-01-29
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 2015-يىلدىن باشلاپ، يانفون ۋە كومپيۇتېرلارنى كىملىك بويىچە تىزىملىتىپ، سېتىش-سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. دائىرىلەر يەنە ۋە بۇ بەلگىلىمىنى تۈزۈشتىكى مەقسىتى زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2015-01-29
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلى خىتايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ نىسبىتى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك قىلمىشى تەكشۈرۈلگەنلەر ئىكەن.
2015-01-29
ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئەركىنلىك سارىيى 28-يانۋار چارشەنبە كۈنى 2014-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. «دېموكراتىيەدىن ۋاز كېچىپ مۇستەبىتلىككە قايتىش»ناملىق دوكلاتتا خىتاينىڭ «ئەركىن بولمىغان دۆلەت» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈشى دىققەت قوزغىدى.