ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-01-04
رۇسىيە ھۆكۈمىتى 1 - يانۋاردىن باشلاپ، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەگە كېلىشى ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىش پاسپورتى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، ئەگەر مۇنداق پاسپورت بولمىسا، بۇرۇنقىدەك ئەركىن كېلىشكە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2015-01-04
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى رۇسىيەنىڭ 5 - يانۋار كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئائىت خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2015-01-03
ھەشقاللا، ھەشقاللا.... ئارىپ ئۆزىنى يوقىتىپلا قويدى. چۈنكى ئۇنىڭدەك بىر «كۆكەرمە» گە شۇ زامان مۇھىتىدا مۇنداق بىر نامدار ئادەم ئەمەس، ئادەتتىكى موللىلارمۇ بۇ يوسۇندا ئىلتىپاتلىق مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
2015-01-03
ئەنگىلىيەدىن چىقىدىغان BBC ئاگېنتلىقى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىگە مۇخبىر ئەۋەتىپ مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى سۈرەتلەشكە تىرىشقان.
2015-01-03
ئامېرىكىلىق رەسسام جوي بوستۋىك ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ يەرلەشكەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى - پائالىيىتى تەسۋىرلەنگەن رەسىملىرى ئارقىلىق رايون مىقياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن رەسساملارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
2015-01-03
Google ئېلخەت مۇلازىمىتى ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندىن كېيىن، 2 - يانۋاردىن باشلاپ ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان.
2015-01-03
2 - يانۋار، ئاقساراي دائىرىلىرى شىمالىي كورېيەگە «سوني» شىركىتىگە قارىتىلغان تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك يېڭى ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
2015-01-02
2014 - يىلنىڭ ئاخىرىقى ئىككى ئېيىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، ۋىلايەتلىرىدە دائىرىلەر ئاتالمىش ئوچۇق سوت ئېچىپ، جازاغا ھۆكۈم قىلىش، يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىنكى تەكشۈرۈش - تۇتقۇن قىلىش يوللىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز، مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدى.
2015-01-02
ھازىر تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ دىيارباقىردىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى جۈمە ئىچتەن ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى جەريانىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بەرگەن باياناتى تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.
2015-01-02
1 - يانۋار توكيودىكى ياسۇكۇنى مازارلىقى ئالدىدا ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىچكىي موڭغۇل ياشلىرى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
2015-01-02
يېقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە رۇسىيەنىڭ ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە رۇسىيە، قازاقىستان ۋە بېلورۇسىيەدىن تەركىب تاپقان «ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ كېلەچەك پائالىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا.
2015-01-02
يېقىندىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پاسپورتسىز چەتئەلگە چىقىش دولقۇنى ئەۋجگە چىققان بولۇپ، سىرتتىن كىرگەن ھىجرەت تەشۋىقاتى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى يەر - ماكانلىرىنى، قولىدا بار ھەر نەرسىسىنى سېتىپ چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىشقا ئۈندىمەكتە ئىكەن.
2015-01-02
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى شىمالىي كورېيەنىڭ سونىي فىلىم شىركىتىگە قىلغان تور ھۇجۇمىنى جازالاپ، ئۇنىڭغا يېڭى ئېمبارگو قويدى. ئېمبارگو يۇقىرى دەرىجىلىك شىمالىي كورېيە ئەمەلدارلىرىنى، دۆلەت مۇداپىئەسىگە چېتىشلىق تارماقلىرىنى نىشان قىلغان.
2015-01-02
خىتاي ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ كۇنشىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاڭ كۇنشىڭ بۇ ئورگاندىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان 4 ئەمەلدارنىڭ بىرى ئىكەن.
2015-01-02
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش چارىسى» بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. 2014-يىلى 28-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغان مەزكۇر چارىدە، دىنىي سورۇن، دىنىي پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.