ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-01-29
خېنەن ئەنياڭ شەھىرىدە 27-يانۋار كۈنى 400 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسى ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىپ، كوچا ئايلىنىپ نامايىش قىلدى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنىڭ داۋامى توقۇنۇشقا ئايلانغان. شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن ساقچىلار نامايىش باشلامچىسىنى تۇتقۇن قىلغان. ئىشچىلاردىن بىرقانچىسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان.
2015-01-28
بۇنىڭدىن 6 يىللار ئىلگىرى كەلپىن ناھىيىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم.
2015-01-28
يوپۇرغىنىڭ بايئاۋات يېزىلىق پارتكومنىڭ خىتاي سېكرېتارى كەنت سېكرېتارلىرىغا، ئەگەر قايسى كەنت قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكىنى خەنزۇلارغا بەرمىسە، دۆلەتنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى سانىنى شۇ كەنتكە بەرمەيدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېيتقان.
2015-01-28
2014-يىلى خىتاي چېگراسىنى بۇزۇپ چەتئەللەرگە قاچقان ئۇيغۇرلار سانى ۋە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايدىن قېچىشقا مەجبۇر بولۇشى، نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.
2015-01-28
شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق قەيسەرىگە كېلىپ جايلاشقان بىر ئۇيغۇر، خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرى ۋە باشقا بېسىملىرى تۈپەيلىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، تۈركلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولغاچقا تۈركىيەنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلدى.
2015-01-28
28-يانۋار چۈشتىن كېيىن ياپونىيە ۋاقتى سائەت 3:00 دە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم توكيودىكى نارىتا ئايرودرومىغا يېتىپ كېلىپ كۆپلىگەن ياپون ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
2015-01-28
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدىن ئۈزۈلۈپ تۇرغىنىغا قارىماستىن، ئۆتمۈش تارىخىنى، تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا.
2015-01-28
يۇقىرى دەرىجىلىك بىر نەپەر ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2015-01-28
ئەركىنلىك سارىيى چارشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2014-يىلى دۇنيادا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۆتكەن يىلى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، تىنچ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى داۋاملىق باستۇرغان.
2015-01-28
كانادا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى 1989-يىلى تيەنئەنمىن ھەرىكىتىنى باستۇرغان مەزگىلدە ئوتتاۋاغا يوللىغان بەزى دىپلوماتىك ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىدى. بەزى ئارخىپلاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ھەيران قالارلىق چېرىكلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2015-01-28
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2014-يىللىق ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتى 2013-يىلقىدىن 1.1 پىرسەنت ئاستىلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى 2014-يىلى 10% گە چۈشكەن.
2015-01-28
خىتاي دائىرىلىرى 2014 - يىلى ئۇيغۇر ئېلى ھاۋا رايى كېلىماتىدا «تارىختا ئەڭ ئېغىر ۋەزىيەت» شەكىللەنگەنلىكىنى، قۇرغاقچىلىق،،كەلكۈن، قۇم بورىنى، شىۋىرغانلىق قار ئاپىتى قاتارلىقلار ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2015-01-28
2014 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش «بىر يىلغا سوزۇلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى»دە قەشقەر قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋىلايەتلەر نۇقتا قىلىپ تۇتۇلغان. پەقەت قەشقەر ۋىلايىتىدىلا 148 قېتىم «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىلغان.
2015-01-28
تىبەت ئاپتونوم رايونىدا 15 نەپەر تىبەت كادىرغا «دالاي لاماغا ئاخبارات يەتكۈزگەن» دەپ چارە كۆرۈلدى.
2015-01-28
خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى 26 - يانۋار دۈشەنبە ئېلان قىلغان خوڭكوڭنىڭ 2014 - يىللىق مەتبۇئات ئەركىنلىكى دوكلاتىدا، 2014 - يىلى خوڭكوڭنىڭ مەتبۇئاتلىرى «پەردە ئارقىسىدىكى نامەلۇم قارا قولنىڭ كونترول قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان ئەھۋال ئېغىرلاشقان» لىقىنى تىلغا ئېلىپ، خوڭكوڭدا مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.