ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-01-23
باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرى 28 - يانۋاردىن باشلاپ ياپونىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىكەن.
2015-01-23
مەلۇمكى، يېقىندا قازاقىستان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى ئۆزىنىڭ 80 يىللىق تويىنى خاتىرىلەپ ئۆتكەن ئىدى. مەزكۇر مۇراسىم قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئورگانلىرى ۋە يۇرت - جامائەتچىلىكنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىقى ۋە قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا نىشانلاندى.
2015-01-23
1940 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى دەۋرىدە غۇلجىدا چوڭ بولغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمان تۇردى ھازىر قىرغىزىستاندا ياشىماقتا.
2015-01-23
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2015-01-23
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ خەنمېي قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، « جەنۇبىي شىنجاڭ» دىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى كونترول قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ بۇ پىكىرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.
2015-01-23
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۆلكىلەرگە يۆتكەش پىلانىنى بۇ يىلدىن باشلاپ يەنە كۈچەيتىلىدىكەن.
2015-01-23
ئۇيغۇر ئېلىدە 2014-يىلى تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ رەسمىي قولغا ئېلىنغان ئادەم 2013-يىلغا قارىغاندا بىر ھەسسە كۆپەيگەن. ئانالىزچىلار، بۇ خىتاينىڭ 2014-يىلى 5-ئايدا باشلىغان «تېررورلۇق» قا قارشى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى.
2015-01-23
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2014-يىلنىڭ 4-پەسىللىك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى تەييارلاپ، خىتاينىڭ بۇ مەزگىلدە داۋاملىق پۇقرالىق ۋە سىياسىي ئەركىنلىكنى چەكلىگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2015-01-23
خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى جۈمە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «جۇڭگونىڭ مىسلىسىز بىخەتەرلىك تەھدىتى» گە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 25 كىشىلىك سىياسىي بيۇروسى جۈمە كۈنى ئايلىق يىغىن چاقىرغان.
2015-01-22
تايلاند تۈرمىسىگە قامالغان 140 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى، بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يۈزلىگەن مۇساپىرنىڭ قۇتۇلۇش مەسىلىسىدىكى تەخىرسىزلىكنى جىددىي ھېس قىلدۇرماقتا.
2015-01-22
خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندە ئىچىملىك سۇ ھەل قىلىش قۇرۇلۇشى باشلىغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، پەقەت 750 غا يېقىن ئاھالىنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل بولغان. بىراق بىر مىليون 60 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە يەنىلا كۆل ۋە ئېرىق-ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچىدىكەن.
2015-01-22
خىتاينىڭ يېڭى بەلگىلىمىلىرىدە پۈركەنجىنى ئاممىۋى سورۇنلاردا چەكلەش قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىجرائات داۋامىدا، چەكلىمە ئاممىۋى سورۇندىلا توختاپ قالمىغان.
2015-01-22
ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي جەنۇب ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ھەر تۈرلۈك ياردەم يېتىپ كەلمەكتە. تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت 100 يۈرۈش ئۆي تەسىس قىلغان ئىدى.
2015-01-22
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى باش سېكرېتارى يېنىس ستولتېنبېرگ رۇسىيەنى ئۇكرائىنادىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە چاقىردى.
2015-01-22
بەزى ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا قوشۇلۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەركىبىدە ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىكەن.