ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-01-22
سۈرىيەدىكى «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى نەپەر ياپونىيە پۇقراسى توغرىسىدا ئىشلەنگەن سىن-ئالغۇ لېنتىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە ياپونىيە جەمئىيىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
2015-01-22
21-يانۋار ۋاپات بولغان ئاسىيا بوكس چېمپىيونى، ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ مېيىت نامىزى 22-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتى، يەنى ھازىرقى بەيتۇللا مەسچىتىدە ئوقۇلدى.
2015-01-22
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر ئۇيغۇر رايونىدا زوراۋانلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەم دىنىي ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش ئاساسلىق نىشان قىلىنغان.
2015-01-22
1989-يىلى خىتايدا قوزغالغان ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى ئۆركەش دۆلەت، 20-يانۋار ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىغۇچە خىتاي ۋەزىيىتىنىڭ ئوڭشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2015-01-22
رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 20-يانۋار كۈنىدىن باشلاپ گۇاڭشىنىڭ گۇيلىن شەھىرىدىكى زىيۈئەن ناھىيىسىنى ئاساس قىلغان نەچچە مىڭ ئوقۇتقۇچى لوزۇنكا-پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغان.
2015-01-22
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 1995-يىلى قۇرۇلغان ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قارمىقىدىكى پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنى قايتا رەتكە سېلىپ، 2015-يىلى پارىخورلۇققا زەربە بېرىش باش ئىدارىسى قۇرۇشنى قارار قىلغان.
2015-01-21
ئىگىلىشىمىزچە، تايلاندنىڭ خاتياي شەھىرىدىكى بىر تۈرمىگە قامالغان 140 نەپەر مۇساپىرنىڭ ئىككى كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم.
2015-01-21
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىدە زور بوشلۇق بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا دەرھال تۈزۈش كىرگۈزۈشكە چاقىردى.
2015-01-21
تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەقپى 25 يىلدىن بېرى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان «سۈلەيمانىيە مۇنبىرى دوكلاتلىرى» تېمىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدىكى تېمىسى «شەرقىي تۈركىستان تراگېدىيىسى» دەپ ئاتالدى.
2015-01-21
خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 18-يانۋار بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ خىتايچە ئاۋازلىق نەشرىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
2015-01-21
20-يانۋاردا ئالماتادىكى ئۇيغۇر تىياتىرى بىناسىدا رۇسىيەلىك ئۇيغۇر شائىرى، ژۇرنالىست، ئىستىپادىكى 3-دەرىجىلىك دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى كاپىتانى ۋىليام سادىقوفنىڭ 80 يىللىق تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان ئەدەبىي كەچ بولۇپ ئۆتتى.
2015-01-21
1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتايدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق ئاپىتىدە ئون مىليونلىغان كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ماۋ زىدۇڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئاپەت ھەققىدە خىتايدا ھەم چەتئەللەردە ھېلىمۇ ھەر تۈرلۈك مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.
2015-01-21
«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىلىق مۇخبىر پېتېر ھېسسلەرنىڭ نامىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان، ماقالىدە خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە مەدھىيە ئوقۇلغان.
2015-01-21
ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر بوكس چېمپىيون ئابدۇراخمان ئابلىكىم، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
2015-01-21
بۇ يىل يېڭى يىل كېچىسى شاڭخەيدە پاتىپاراقچىلىقتىن دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 36 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقە سەۋەبلىك شاڭخەي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق 4 چوڭ ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان.